□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن
ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ «بارومېتىرى»دا، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما يۈزلىنىشى ھامان رايون تەرەققىياتىنىڭ ئىشەنچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
يېقىندا، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ «يېرىم يىللىق دوكلاتى» ئېلان قىلىندى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 10.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.
تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ «يېرىم يىللىق دوكلاتى»غا تەپسىلىي قارايدىغان بولساق، بۇ بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات شىنجاڭنىڭ سانائەت سېلىنمىسىنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنىڭ گەۋدىلەنگەنلىكى، خەلق ئىچى كاپىتالىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۇرغۇغانلىقى، چوڭ - چوڭ تۈرلەردە كۈچ ۋە ئېنېرگىيە توپلانغانلىقىدىن ئىبارەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات لوگىكىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شىنجاڭنىڭ سېلىنما قۇرۇلمىسى ۋە سۈپىتى مۇھىم تەڭشەشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات تىرىكىنى پۇختىلىغان.
سېلىنما قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلالاشتى
13%لىك سېلىنما سۈرئىتىنىڭ ئارقىسىدا، تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى سېلىنما قۇرۇلمىسىنىڭ قىممىتى. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، سانائەت، يېڭى ئېنېرگىيە، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردە ماسلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنىق يولىنى سىزىپ چىقتى.
تومۇز مەزگىلىدە، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، شەندۇڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى يەنكۇاڭ شىنجاڭ ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى نەق مەيدانىدا، قېزىش ماشىنىلىرى گۈدۈك چېلىپ توپا قېزىۋاتقان بولۇپ، قۇرۇلۇش مەيدانى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى.
بۇ تۈر شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىدىكى «1 - نومۇرلۇق قۇرۇلۇش» بولۇپلا قالماي، يەنە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، جەمئىي سېلىنما 33 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. بۇ تۈرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرى يۇقىرى ئۈنۈمدە پولىپىروپىلېن، پولىئېتىلېن قاتارلىق قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى ماتېرىياللارغا ئايلاندۇرۇلۇپ، شۇ ئارقىلىق تۆۋەن ئېقىندىكى داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرى، مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، چوڭ - چوڭ سانائەت تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدىن 4.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان، تاماملانغان سېلىنما سوممىسى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ %54.7ىنى ئىگىلىگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش يۇمشاق ماتېرىيالى ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمەت كەسپى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %115، پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا مۇلازىمەت كەسپى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65.7 ئاشتى. بۇ ساھەلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈگىمەس پەن - تېخنىكا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوشتى.
سېلىنمىنىڭ قىممىتى «ھازىرغا نەپ يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت ئەمەلىي ئۈنۈمدە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت ئىللىقلىقتا. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ مائارىپ سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.8 ئاشتى، سەھىيە ۋە جەمئىيەت خىزمىتى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 30.9 ئاشتى. مائارىپ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇش، داۋالاش شارائىتىنى ياخشىلاشتىن ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ياخشىلاشقىچە، «خەلق قەلبىنى ئىللىتىش» تۈرلىرى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇردى، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ مەنپەئەتلەندۈردى.
خەلق ئىچى كاپىتالىنىڭ ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى
«بىز شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ جايغا مەبلەغ سالغىلى كەلدۇق» دېدى چوڭ تىپتىكى پۇقراۋى كارخانا چىيا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى تۇڭ ۋېنچى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەتنىڭ شىنجاڭغا سالغان مەبلىغى سىلىتسىينى ئاساس قىلغان، ئاليومىننى ئاساس قىلغان، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە كانچىلىقتىن ئىبارەت بەش چوڭ بۆلەككە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سوممىسى 60 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ، كەلگۈسى ئون يىلدا يەنە شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىدۇ.
خەلق ئىچى كاپىتالى شىنجاڭنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ مۇھىم ئېشىش قۇتۇپىغا ئايلانماقتا.
2024 - يىلى، شىنجاڭ خەلق ئىچى كاپىتالىغا 120 تۈر تونۇشتۇردى، جەمئىي سېلىنما 75 مىليارد 327 مىليون يۈەن بولدى. شىنجاڭ خەلق ئىچى كاپىتالىغا تۈرلەرنى تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى تېخىمۇ زورايتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تۆمۈريول، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، شەھەر يېڭىلاش قاتارلىق چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشىنى قوللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت كاپىتالى ھەمكارلىقى يېڭى مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى قاتنىشىشقا ئەڭ زور دەرىجىدە رىغبەتلەندۈرۈپ، خەلق ئىچى سېلىنما بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى ئىشلار تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ يەنە ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى كۆچمەس مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ھاۋالە فوندى (REITs) تۈرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىدۇ.
پۇقراۋى كارخانىلارغا «ئىشىك كەڭ ئېچىۋېتىلدى»، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %39.2 بولۇپ، تاماملانغان سېلىنما سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.2 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 8.3 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
«خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، قۇرۇلمىسى ئەلالىشىش، قۇۋۋىتى كۈچىيىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋەزىيىتى سىجىل يۈكسەلدى.» خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 19 نۇقتىلىق ساھە ئىچىدە، 12 ساھە خەلق ئىچى سېلىنمىسىنى ئاشۇردى، ئېشىش دائىرىسى %63.2 بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇچۇر يەتكۈزۈش يۇمشاق ماتېرىيالى ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمەت كەسپى، قاتناش - تىرانسپورت، ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا كەسپى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپى، كانچىلىقتىكى خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالتە ھەسسە، 1.1 ھەسسە، %86.1، %40.2 ئاشتى.
چوڭ - چوڭ تۈرلەر ئېشىش زاپاس كۈچىنى پۇختىلىدى
5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، شاڭخەي شۇجى دۇنيا سانائەت پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى «ماياك زاۋۇت» تۈرىدە ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا ئۇل سېلىنىپ ئىش باشلاندى، بۇ تۈر شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق كەسپىدىكى تۇنجى «ماياك زاۋۇت» تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ گۇرۇھنىڭ باش مۇدىرى ليۇ يىمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كېيىنكى يېرىم يىلدا 1 - قارارلىق قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ھەم ئۈسكۈنىلەرنى مەيدانغا كىرگۈزۈپ ئورنىتىشنى تاماملاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كېلەر يىلى 5 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەندى. بۇ تۈردە شاڭخەي شۇجى دۇنيا سانائەت پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تەرەققىيات نەتىجىلىرى توپلاشتۇرۇلۇپ، ساھە ئىچى - سىرتىدىكى بايلىق ھەم ئىلغار تېخنىكىلار بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، شىنجاڭنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق كەسىپ توپى ھەم يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسى نامايان قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىدە دۇنياۋى ئېگىزلىك بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇلىدۇ.
يىل بېشىدا شىنجاڭ بويىچە 1 - پەسىلدە چوڭ - چوڭ تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاشتىن، «تۈر باشقۇرغۇچى» تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋە «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ تېز ئۆسۈپ يېتىلىشىگىچە، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ بويىچە يېڭىدىن ئىش باشلانغان مەبلەغ سېلىش تۈرى 4036 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.4 ئاشقان؛ تاماملانغان مەبلەغ سېلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.4 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 4.1 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان. پىلاندىكى ئومۇمىي سېلىنما 1 مىليارد يۈەن بولغان ھەم ئۇنىڭدىن ئاشىدىغان قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان تۈر 723 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.7 ئاشقان؛ تاماملانغان مەبلەغ سېلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.7 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 8.1 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.
چوڭ - چوڭ تۈرلەردە ئارقا - ئارقىدىن ئىش باشلاش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشىنى كۈچلۈك زاپاس كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.
يىل ئوتتۇرىسىدىكى تۈگۈندە تۇرۇپ نەزەر سالغاندا، مەبلەغ سېلىش سۈرئىتىنىڭ %13 ئېشىشى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئايلىنىشى، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق تىرەك ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى يېرىم يىلدا، تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنىڭ دەل جايىدا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، سېلىنمىنىڭ ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇش رولى سىجىل جارى قىلدۇرۇلىدۇ.






