تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - يىغىنى يېپىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - يىغىنى يېپىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 54 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدلىيەلىك باھالاش نىزامى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى، ئاپتونوم رايوننىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ نازارەتچىلىك قانۇنى»نى يولغا قويۇش چارىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر بىرقانچە بەلگىلىمىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تۇرالغۇ رايون ئاممىۋى مۇلازىمەت يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش نىزامى» «سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاھالىلەر يېقىلغۇ گازى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى» توغرىسىدىكى قارارى، قومۇل شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «قومۇل شەھىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزامى توغرىسىدىكى قارارى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى، 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نەق چوت توغرىسىدىكى قارار، 2025 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە تەيىننامە تارقىتىپ بېرىلدى، ھەم ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەسى، مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك. باشتىن - ئاخىر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «خەلق قۇرۇلتىيىنى چۈشىنىش» يۈكسەكلىكى، «خەلق قۇرۇلتىيىنى تەشۋىق قىلىش» مەسئۇلىيەتچانلىقى، «خەلق قۇرۇلتىيىنى سۆيۈش» ھېسسىياتى بىلەن، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى تۆھپىسىنى قوشۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، باش كاتىپ ۋاڭ جياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەيسەر قېيۇم، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دىلشات سايىم، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

يىغىندىن كېيىن «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئېلىپ كەلگەن جەمئىيەتتىكى ئۆزگىرىش ۋە ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش» مەخسۇس تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەندى.

7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 58 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنىدا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرۇلىدىغان تەكلىپلەر قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 亚生江·肉孜

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.