جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ
«1 - ئاۋغۇست»لۇق ھال سوراش خېتى
شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مەمۇرىي خادىملار، خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ۋە باشقا نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى:
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، بىز پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمىز ۋە سەمىمىي ھال سورايمىز!
98 يىللىق شانلىق مۇساپىنى ئەسلىسەك، خەلق ئارمىيەسى باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قان تۆكۈپ قۇربان بېرىشتىن قورقماي، ئۇرۇش ئوتىدا تاۋلىنىپ، يول بويى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان قالتىس تۆھپىلەرنى ياراتتى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، خەلق ئارمىيەسى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان قەھرىمان ئارمىيە بولۇشقا مۇناسىپ، ۋەتەنگە سادىقلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغان قەھرىمان ئارمىيە بولۇشقا مۇناسىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان قەھرىمان ئارمىيە بولۇشقا مۇناسىپ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ياراتتى. كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر تۇرۇشلۇق جاينى ئۆز يۇرتى دەپ بىلىپ، خەلقنى تۇغقىنى دەپ بىلىپ، يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىغا پائال قاتناشتى ۋە مەدەت بەردى، بولۇپمۇ چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇپ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، خەۋپ - خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئېغىر مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى؛ كەڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى تۆھپە قوشۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى قوغداش، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى؛ كەڭ ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ۋە نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى دۆلەتكە رىشتە باغلاپ، ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەي، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان سەپ، ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنىدا مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك كۈچ بېغىشلىدى. بۇ يەردە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق سىلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ ھەم ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ!
بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا 100 يىللىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل بولۇپ، دەل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا توغرا كەلدى، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي تەۋرەنمەي كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، بىرگەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈگىتىپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.
قانچىكى ئۇلۇغۋار ئىش بولغانسېرى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشقا شۇنچە توغرا كېلىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئارمىيە بىلەن خەلق بىر مەقسەتتە بولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن تەبرىكلەيلى!
يولداشلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن، تېنىڭلارنىڭ سالامەت، خىزمىتىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئائىلەڭلەرنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى
2025 - يىلى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى






