مەنبە: كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
«كىچىك دوستلار، ياز پەسلى سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش كۆپ يۈزبېرىدىغان پەسىل، دالىدىكى كۆلچەك، دەريالارنىڭ سۇ ئاستى ئەھۋالى مۇرەككەپ، ھەرگىز ئۆز مەيلىڭلارچە سۇغا چۈشۈپ، سۇ ئۈزمەڭلار ..... » 7-ئاينىڭ 23-كۈنى «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ئاپتوموبىلى يېزا-كەنتلەرگە كىرىش پەن-تېخنىكىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇرۇش» باش تېمىسىدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتى كۇچا شەھىرى ئۈچئۆستەڭ يېزىسى ئارائۆستەڭ كەنتىگە يېتىپ كەلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئارائۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىكتە پىلانلىدى، كۇچا شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنى قاتنىشىشقا مەخسۇس تەكلىپ قىلدى.
خىزمەت ئەترىتى يېزا-كەنتلەرنىڭ يازلىق تەتىللىك تەربىيەسىدە ئىلمىي ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئاز بولۇش، بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بىلەن ئالدىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «پەن-تېخنىكا تەسىراتى» بىلەن «بىخەتەرلىك دەرسخانىسى»نى بىرلەشتۈرۈپ، بالىلارغا پەن-تېخنىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى ھەم ئەمەلىي بىخەتەرلىك ماھارىتىنى ئۆگەندى.

بالىلار پەن-تېخنىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلماقتا. ليۇ يىنچۈەن فوتوسى
«بۇ قېتىمقى پائالىيەت بەك قالتىس بولدى! تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنىڭ ئۇچۇش پىرىنسىپى مېنى مەپتۇن قىلدى، مەن بۇنىڭدىن كېيىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىلىم-پەن سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىمەن» دېدى پائالىيەتكە قاتناشقان كىچىك دوست ئامىنە ھىمىت ھاياجانلانغان ھالدا.
پەن-تېخنىكا تەسىراتىدىن باشقا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يەنە يازلىق تەتىللىك بىخەتەرلىك ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرىنى چۈشەندۈردى، نەق مەيداندا سوئال سوراش-جاۋاب بېرىش، دېلو مىساللىرىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بىخەتەرلىك ساۋاتلىرىنى بالىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈردى.
«ھەم پەن-تېخنىكا كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى ئوينىغىلى، ھەم بىلىم ئۆگەنگىلى بولىدۇ، بۇ پائالىيەت ئۆيدە تېلېۋىزور كۆرگەنگە قارىغاندا كۆپ مەنىلىك!» ئوقۇغۇچى ئابىدە قاھار بىخەتەرلىك قوللانمىسىنى قولىغا ئالغىنىچە شۇنداق دېدى.
«كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىلمىي تەپەككۇرنى قالدۇرۇش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كۇچا شەھىرى ئۈچئۆستەڭ يېزىسى ئارائۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جۈن شۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىكتە، پائالىيەت شەكلىدە داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش باش تېما پائالىيىتىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، پەن-تېخنىكا پىدائىيلىرىنى تەكلىپ قىلىش، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش-ھېس قىلىشقا تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئىلىم-پەن نۇرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ يېزا-كەنت بالىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىنى يورۇتىدۇ. بىز دائىملىق پائالىيەت ئارقىلىق «ئىلىم-پەنگە ئەھمىيەت بېرىش، ئىلىم-پەننى سۆيۈش، ئىلىم-پەن ئۆگىنىش، ئىلىم-پەندىن پايدىلىنىش» كەيپىياتىنى كەنتتە بارغانسېرى قويۇقلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىلىم-پەن ئۆسمۈرلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز».
(كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى چېن مېيخۇي، ليۇ يىنچۇەن)






