
كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى
ئاساسلىقى «دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسى»دىكىدىن باشقا، جەمئىيەت ئۇنىۋېرساللىقى كۈچلۈك، تېخنىكا ماھارەت تەلىپى يۇقىرى بولغان كەسىپ (ئىش تۈرى)گە قارىتىلغان، مەسىلەن، جۇڭگوچە پېچىنە-پىرەنىك ئۇستىسى، يولۇچىلار ئاپتوموبىلى شوپۇرى.
كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسىنىڭ پايدىلىنىش ئۆرنىكى


كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىشتە
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تاللاپ ئەنگە ئېلىش
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە جەمئىيەت تەربىيەلەش-باھالاش تەشكىلاتلىرى
يولغا قويغان كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىشتىن ئۆتىدۇ
باھالاش ئاپپاراتىنى قانداق تاللايمىز؟
كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز
ئاساسلىقى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە جەمئىيەت تەربىيەلەش-باھالاش تەشكىلاتىدىن ئىبارەت ئىككى خىل باھالاش ئاپپاراتىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتىشىڭىز كېرەك.
شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆز ئورنىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە يۈزلىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرسە بولىدۇ.
جەمئىيەت تەربىيەلەش-باھالاش تەشكىلاتى بارلىق ئەمگەكچىلەرگە يۈزلىنىپ ئىش كۆرسە بولىدۇ.
بۇ ئىككىسى يۈزلەنگەن توپ ئوخشاش بولمىسىمۇ
لېكىن تارقاتقان كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى
ئوخشاش كۈچكە ئىگە
ھەممىسىنى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى باھالاش خىزمىتى تورىدىن تەكشۈرگىلى بولىدۇ
مۇھىم ئەسكەرتىش
چوقۇم ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تاللاپ ئەنگە ئېلىپ ئېلان قىلغان باھالاش ئاپپاراتلىرىنى جەزملەشتۈرۈش كېرەك، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش خىزمىتى تورىدىكى «كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى باھالاش ئاپپاراتلىرىنى ئېلان قىلىش-سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى» ئارقىلىق باھالاش ئاپپاراتلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.
كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى بىلەن ماھارەت خادىملىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
بىر جەدۋەلدىن چۈشىنىۋىلىڭ!
گەرچە پەرق بولسىمۇ
لېكىن «ئېتىراپ قىلىنىش دەرىجىسى» ئوخشاش
ئىككى گۇۋاھنامە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئالاقىدار تەمىناتنى نەقلەشتۈرۈش جەھەتتە ئوخشاش كۈچكە ئىگە
كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى مەملىكەت بويىچە ئورتاق ئىشلىتىلەمدۇ؟كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسىنى
ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش خىزمىتى تورى ئارقىلىق
(http://osta.mohrss.gov.cn)
سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ
گۇۋاھنامە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ.
«ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






