ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ھەبىبە خەۋەر قىلىدۇ) «دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ئۆلچىمى بويىچە، مارالبېشى ناھىيەسى خۇڭخەي مەنزىرە رايونى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ خوت يۆتكەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولماقتا». 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسى پۈتۈن رايون مەدەنىيەت-ساياھەت مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شيې جىڭتاۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى ساياھەت ئاسما يولى، ساياھەت ھاجەتخانىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلىپ مۇستەھكەملىنىۋاتىدۇ ۋە يېڭىلىنىۋاتىدۇ ھەم مېڭلۇ شادلىق باغچىسى، تىك ئۇچار ئايروپىلان ساياھىتى، مەززىلىك تائاملار بازىرى قاتارلىق كەسىپ ھالىتى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش نىشانىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىۋاتىمىز.

مارالبېشى ناھىيەسى خۇڭخەي مەنزىرە رايونىنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسى. سۈرەتنى دىڭ يۈبىن تەمىنلىگەن
خۇڭخەي مەنزىرە رايونى ناھىيە بازىرىغا 12 كىلومېتىر كېلىدۇ، بەرپا قىلىنغان كۆلىمى 72.07 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، «يىپەك يولى قەدىمىي يولى + توغراق ئېكولوگىيەسى»نى يادرولۇق بايلىق قىلىپ، 3 مىليون 160 مىڭ مو كۆلەمدىكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۈل رەڭ يوپۇرماقلىق توغراقلىق ۋە تاڭۋاڭچېڭ، قەدىمىي تۇرا قاتارلىق تارىخىي يادىكارلىقلارغا تايىنىپ، ئالتۇن توغراق ئارىلى، خۇڭخەيۋەن سۇ ئۈستى شادلىق باغچىسى، قاش دەرياسى يىپەك يولى قەدىمىي يولى، خۇڭخەي سۇلۇق يەر باغچىسى، خەلق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت كەنتىدىن ئىبارەت بەش چوڭ يادرولۇق مەنزىرە رايونى بەرپا قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەنزىرە رايونى توغراقلىقنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە، يىپەك يولى قەدىمىي يولى تارىخىغا سىڭىشىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت ئورمان باغچىسى، دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى قاتارلىق ناملارغا ئېرىشىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

مارالبېشى ناھىيەسى خۇڭخەي مەنزىرە رايونىدا، ئارتىسلار ساياھەتچىلەرگە ئويۇن قويۇپ بەرمەكتە. سۈرەتنى دىڭ يۈبىن تەمىنلىگەن

مارالبېشى ناھىيەسى خۇڭخەي مەنزىرە رايونىدىكى بېلىق كاۋىپى. سۈرەتنى دىڭ يۈبىن تەمىنلىگەن

مارالبېشى ناھىيەسى خۇڭخەي مەنزىرە رايونى. سۈرەتنى دىڭ يۈبىن تەمىنلىگەن

مارالبېشى ناھىيەسى خۇڭخەي مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر سەيلە قىلماقتا. سۈرەتنى دىڭ يۈبىن تەمىنلىگەن
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






