بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش كاپالەت ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلىدى.
ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 129 مىليارد 575 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشقان. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇقىم ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاشلىق، چارۋا، ئۆي قۇشى، مېۋە - كۆكتات قاتارلىق ئاممىنى تەمىنلەيدىغان كۆكتات مەھسۇلاتلىرى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، تەشەببۇسكارلىق قولغا كەلتۈرۈلدى.







