7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جېمىنەي ناھىيەسىدىكى ئارال يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ شېئىرىي تۈسكە تولغان پەسىلنى كۈتۈۋالدى. كەڭ كەتكەن يايلاق خۇددى ياپيېشىل شايىغا ئوخشاش مەيىن شامالدا دولقۇنسىمان يېيىلىپ، يىراقتىكى ئۇپۇق سىزىقى بىلەن ئىللىق باغلانغانىدى. توپ-توپ كالا-قويلار خۇددى مەرۋايىتتەك ئەتراپقا چېچىلىپ، بەزىدە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يەم ئىزدىسە، بەزىدە بەخىرامان سەيلە قىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىناق، ھەيۋەتلىك، گۈزەل بوستانلىق چوپان ناخشىسى مەنزىرىسى نامايان بولغانىدى.
(ئاپتورلار: لى سېن، چېن شىجۈن، ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: جېمىنەي ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)






