تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

2-نۆۋەتلىك شۇيمو تىيانشان لوڭقىسى ۋېلسىپىت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق رىقابەت مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە باشلاندى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن پېڭ خەۋەر قىلىدۇ) 7-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونىدا 2-نۆۋەتلىك شۇيمو تىيانشان لوڭقىسى ۋېلىسىپىت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق رىقابەت مۇسابىقىسى باشلاندى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كەلگەن 663 ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى.

7-ئاينىڭ 27-كۈنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 600دىن ئارتۇق ماھىر ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى 2-نۆۋەتلىك شۈيمو تىيانشان لوڭقىسى ۋېلىسىپىت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق رىقابەت مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى

   بۇ قېتىمقى ۋېلىسىپىت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق رىقابەت مۇسابىقىسى ئەرلەر تاشيول گۇرۇپپىسى، ئاياللار تاشيول گۇرۇپپىسى، ئەرلەر تاغلىق رايون گۇرۇپپىسى، ئاياللار تاغلىق رايون گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن. جىڭخۇي يولىدىكى باشلىنىش نۇقتىسىدىن شىرىن دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئاخىرقى نۇقتىغىچە بولغان 18 كىلومېتىرلىق مۇسابىقە مۇساپىسى شىمىگۇ رايونىنىڭ شەرقىدىكى ئۈچ كەنتنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ، مەملىكىتىمىزدىكى 13 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دىن كەلگەن 663 ماھىرنى جەلپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇسابىقىدە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ھالقىسى ئالاھىدە كۆپەيتىلىپ، ھەربىر ماھىرنىڭ تىزىملىتىش ھەققىدىن 10 يۈەن ئاجرىتىلىپ، شىمىگۇ رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەت ئىشلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ئىئانە قىلىندى.

   ماھىرلار يايلاق، ئېدىرلىق، تاغلىق جايلار بىلەن ئېتىز-ئېرىقلار ئارىسىدا قوغلىشىپ مېڭىپ، مۇسابىقە جەريانىدا شمىگۇ رايونىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن يېزا-قىشلاقلارنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ، «سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە ئىچىدە ۋېلىسىپىت مىنىش»تەك كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۆرۈنۈشنى شەكىللەندۈردى.

7-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقان بىر ماھىرنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەن بولۇپ، ئۆزىگە ناھايىتى ئىشەنچىسى بار ئىدى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى

7-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئېدىرلىق، يايلاق ۋە دالىلاردىن مىنىپ ئۆتۈپ، ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ كەلدى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.