تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ھەم نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ پائال تۈرتكىسىدە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ چەت ئەلگە ئالاقىدار ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، يولۇچى ۋە يۈك توشۇش مىقدارىدا قوش ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كۆپ تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتتا تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى، چېگرا تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ بويىچە ھەرقايسى چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەكشۈرگەن چېگرادىن كىرگەن - چىققان خادىملار سانى 1 مىليون 808 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.9 ئاشقان؛ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزگەن تۈرلۈك قاتناش قوراللىرى 741 مىڭ ئاپتوموبىل \پويىز \ ئايروپىلان قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.8 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، چېگرادىن كىرگەن - چىققان يۈك پويىزىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مىقدارى مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول پورتلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %42ىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇرغان، يەككە كۈندە تەكشۈرۈلۈپ چېگرادىن كىرگەن - چىققان پويىز ئەڭ كۆپ بولغاندا 136 قېتىم بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. ئالاتاۋ پورتى ۋە قورغاس پورتىنىڭ يۈك پويىزىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەملىكەت بويىچە 1 -، 2 - ئورۇندا تۇرغان.







