تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

رەسمىي ئېچىلدى! ئۈرۈمچىدە ياخشى بارار جايدىن بىرى كۆپەيدى

7-ئاينىڭ 25-كۈنى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى

شىرىنزىگۇ كەنتى 1-ئەترىتى خوۋلياڭ يولى

شىرىنزىگۇ شياڭياڭگۇ گۈل دېڭىزى

رەسمىي ئېچىلدى

2400 مودىن ئارتۇق ئاپتاپپەرەس پورەكلەپ ئېچىلىپ

شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنى بۇ ئالتۇن رەڭ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشقا جەلپ قىلدى 

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىرىنزىگۇ شياڭياڭگۇ گۈل دېڭىزىدا، ئالتۇن رەڭلىك ئاپتاپپەرەسلەر خۇددى سانسىزلىغان كۈلۈمسىرىگەن چىرايغا ئوخشاش ساياھەتچىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ سۈرەتكە چۈشۈشكە جەلپ قىلدى.
مىدۇڭ رايونى لۇساۋگۇ يېزىسىدىن كەلگەن ساياھەتچى سەي لۇشىڭ مۇنداق دېدى:

ئاپتاپپەرەسلىك ناھايىتى كەڭ كەتكەن ئىكەن

مەخسۇس يېشىل يول، داكا جايلار ۋە لەمپىلەر بار ئىكەن

كەچقۇرۇن سالقىنداشقا بەك ماس كېلىدىكەن

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىرېنزىگۇ شياڭياڭگۇ گۈل دېڭىزىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىرېنزىگۇ شياڭياڭگۇ گۈل دېڭىزىدا، ساياھەتچىلەر گۈل-گىياھلار ئارىسىدىكى چىغىر يولدا مېڭىپ، گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا.

شىنجاڭ خوۋلياڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

شىرىنزىگۇ شياڭياڭگۇ گۈل دېڭىزى تىجارەت باش نازارەتچىسى جۇ لىدۇڭ مۇنداق دېدى:

2400 مو ئاپتاپپەرەسنىڭ ھەممىسى 

شىرىنزىگۇ كەنتى خوۋلياڭ يولىدىكى بىنەم يەرگە تېرىلدى

ئاساسلىقى گازىر ئاپتاپپەرەس

ئېچىلىش مەزگىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ

ساياھەتچىلەر كۈندۈزى گۈل سەيلىسى قىلىپ سۈرەتكە چۈشسە بولىدۇ

كەچقۇرۇن 

كونا كىنو، ساليوت كۆرگەزمىسى، مۇزىكا ئەترىتى ئويۇنى قاتارلىقلارنى كۆرەلەيدۇ

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىرېنزىگۇ شياڭياڭگۇ گۈل دېڭىزىدا، تۇتاش كەتكەن ئاپتاپپەرەسلىك بىلەن كۆك ئاسمان بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈزەل سەھرا مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچى شىرېنزىگۇ شياڭياڭگۇ گۈل دېڭىزىدا ئارام ئالماقتا.
7-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىرېنزىگۇ شياڭياڭگۇ گۈل دېڭىزىدا سەيلە قىلماقتا.

تېز كېلىپ داكا قىلىڭ!

«شىنجاڭ گېزىتى»ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.