تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«ئىسلاھات - تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى جاسارەت بىلەن ئېچىش كېرەك»

− يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئۈزلۈكسىز يۈرۈش قىلىش

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇاڭ يۆ، ۋاڭ پېڭ، يەن فۇجىڭ

ئىسلاھات − ئۇلۇغ دەۋردىكى جەسۇرانە تەدبىر، تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى.

2024 - يىلى 7 - ئايدا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى مۇساپىدىكى ئىسلاھات بۇرغىسى يەنە بىر قېتىم چېلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، 300 نەچچە تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كەلگۈسى بەش يىللىق ئىسلاھات ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى باشلامچى قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىس، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

بىر يىلدىن بۇيان، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ئالدىدا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل - پاراسەت بىلەن ئىسلاھاتنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ئۈزلۈكسىز ئاچتى.

ئىسلاھات يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىش

− «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ئىنتايىن مول، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشمۇ مۇقەررەر ھالدا ھەر تەرەپلىمە بولىدۇ»

فۇجيەن شيامېن − ئىسلاھات كۆزنىكى، ئېچىۋېتىش ئىشىكى. 2024 - يىلى 10 - ئايدا، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شيامېنغا كېلىپ، ئىسلاھات ئىرادىسىنى جاكارلاپ، ئىسلاھات يېڭى ۋەزىيىتىنى پىلانلىدى.

ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىدە، كۆك تاشلىق، 300 نەچچە بەتلىك قېلىن بىر پارچە «1985 - يىلىدىن 2000 - يىلىغىچە بولغان شيامېننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسى» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ، 30 نەچچە يىل ئىلگىرى «دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە قاتناشقان» يولداش شى جىنپىڭ رەھبەرلىك قىلىپ تۈزگەن بىر پارچە ئىسلاھات - تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى ئىدى.

ھازىرقىغا قاراپ ئۆتمۈشتىكىنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سالدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ جايدا ئىگىلىك تىكلەشكە قاتناشتۇق، بۈگۈنكى تەرەققىيات ئەينى چاغدىكى ئويلىغىنىمىزدىنمۇ ياخشى بولدى.» «بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى تۇتۇشتا، مەيلى چوڭقۇرلۇق ياكى كەڭلىك جەھەتتە بولسۇن، ھەممىسىدە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى قويۇلماقتا».

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېخىمۇ ئۇلۇغۋار، شۇنداقلا تېخىمۇ ئېنىق بولغان يول خەرىتىسى، ۋاقىت جەدۋىلىگە ئېھتىياجلىق. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش يىرىك پىلانىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىشنى دەرھال ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ نەتىجە شەكلى، تاماملىنىش يىلى ۋە ۋەزىپە تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ پىلانلىق، قەدەم - باسقۇچلۇق يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، يەنە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، داۋاملىق كۈرەش قىلىش جەريانىدا تارىخ يېڭى سەھىپە پۈتتى.

دەۋر يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتتا باشتىن - ئاخىر توغرا يولدا مېڭىش، يېڭى يول ئېچىشقا ماھىر بولۇش −

2024 - يىلى 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنكى 1 - قېتىملىق مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنى ئېچىلدى.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئالدىن يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپى، رىتىمى ۋە پەيتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بەلگە خاراكتېرلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات سىياسەتلىرىنىڭ يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن باھالاپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.» يىغىندا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىنى ئىلمىي يېتەكچىلىك ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەم قوماندانلىق قىلىپ، ھەم جەڭگە ئاتلىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، مۇھىم مەسىلىلەر، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا قارىتا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىسلاھات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، ئىسلاھات مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتتى، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

ئىسلاھات قانچە چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلغانسېرى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاشنى شۇنچە كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئىلمىي شەكىل، ئۇسۇلغا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئەڭ كەڭ ئورتاق تونۇشنى شۇنچە مۇجەسسەملەشكە توغرا كېلىدۇ.

2024 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئوقۇش باشلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن پۇختا ئىگىلەشكە تېگىشلىك، باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم پىرىنسىپنى گەۋدىلىك تەكىتلىدى؛ ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، بىكار قىلىش بىلەن ئورنىتىشنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت چىڭ تۇرۇش ۋە ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك تۆت جۈپ مۇناسىۋەتنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى؛ رەھبىرىي كادىرلاردىن «سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ»، «زىددىيەت ۋە مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماي بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، جاھىل ئىللەتلەرنى تۈگىتىشتە بىپەرۋالىق قىلماي، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا چېكىنمەي، جاسارەت بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

تەدبىرلىك كىشىلەر غەلىبە قىلىدۇ، يىراقنى كۆزلىگەنلەر روناق تاپىدۇ.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەيلى مۇھىم يىغىنلارغا قاتناشقاندا بولسۇن ياكى جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا بولسۇن، باشتىن - ئاخىر ئىسلاھاتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىسلاھاتنىڭ زور پىرىنسىپى، مۇھىم تەدبىرلىرى، ئىلمىي يولى قاتارلىقلار توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ - ماسلاشتۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش −

گەنسۇ لەنجوۋ، خۇاڭخې دەرياسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتۈپ، ھەيۋەتلىك مەنزىرە شەكىللەندۈرگەنىدى.

2024 - يىلى 9 - ئايدا، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «خۇاڭخېدىكى 1 - كۆۋرۈك» جۇڭشەن كۆۋرۈكىگە كېلىپ رېشاتكىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ يىراقلارغا كۆز تىكىپ، چوڭ دەريانىڭ شىددەت بىلەن ئېقىۋاتقانلىقىغا نەزەر سالدى.

لەنجوۋدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، سۇغا قاراپ ئىش كۆرۈش، سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاش، ماس ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

دۆلەتنىڭ دەريا - ئېقىن ئىستراتېگىيەسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار سەھىپىسىگە يۇغۇرۇلدى. ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھاياتىي كۈچ ئېلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدا قانات يايدۇرۇلدى.

دەريا - ئېقىنلاردىن دېڭىز قىرغاقلىرىغىچە، ۋادىلاردىن رايونلارغىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر تاختا شاھمات بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر پارچە خەرىتە بويىچە پىلانلاپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرى ۋە زور مەسىلىلىرىنى تۇتقا قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىغا ئۈزلۈكسىز كۈچەشكە تۈرتكە بولدى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنىڭ سالمىقى تېخىمۇ ئېغىر بولدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارقا - ئارقىدىن توققۇز مەيدان رايون تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق نۇقتىسىدىن رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى؛ مەركەز رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، رايونلارنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى، يىرىك پىلانى ۋە سىياسىتى بىر تۇتاش پىلانلاندى؛ مەركەز قاتلىمىدىن ھۆججەت چىقىرىلدى، ھەرقايسى جايلار ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلدى... پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ئارقىلىق رايونلارنى بىر گەۋدىلىشپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش يولىغا يېتەكلەشتە چىڭ تۇردى.

شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، جەنۇب بىلەن شىمال ماسلىشىش، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىر تۇتاش پىلانلاش، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زېمىندا ئۆزئارا بىرلىشىپ ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ھەم پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىسلاھات سىياسىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، سۈرئەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۈنۈمنى بىرتۇتاش پىلانلاش كۈچەيتىلدى، ھەم جايلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىلدى.

«ئاقار توققۇز ئېقىن چەكسىز ۋەتەننىڭ باغرىدا سوزۇلۇپ، ياتار ئېغىر، ئۇزۇن بىر يىپ جەنۇبتىن تا شىمال بويلاپ». 2024 - يىلى 11 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېيغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئومۇملۇق ئىستراتېگىيەسى نەزەرى بىلەن بۇ رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى پىلانلىدى:

«سىلەر شەرق بىلەن غەربنى باغلاپ، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىسىلەر. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ قاتارلىقلار بىلەن بولغان رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەرتىپلىك ئەلالاشتۇرۇش كېرەك».

پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىدىكى ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا تاپقاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى چىڭ كۆزلىگىلى بولىدۇ.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئون نەچچە ئۆلكىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يەرلىك ئىسلاھات ئەمەلىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى.

گۇيجوۋدا «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى؛ يۈننەنگە بارغاندا «يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن تەسىر كۆرسىتىش مەركىزى بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛ شاڭخەينىڭ «دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش»ىنى ئۈمىد قىلدى؛ خېنەندىن «ئەمەلىي ئىقتىسادتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى يەنىمۇ پۇختىلاش»نى تەلەپ قىلدى... ھەرقايسى جايلار ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى مەۋقە قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش داۋامىدا ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىسلاھات ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى.

يېڭى مۇساپىدىكى ئىسلاھات ئالاھىدىلىكىنى كۆزلەپ، يولنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنىڭ ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇشى، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش −

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بىر روشەن ئالاھىدىلىكى دەل سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سىستېمىلىق قاراشنى ئىسلاھات - تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت.

ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يەنە بىر قېتىم ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدىكى شەھەر خىزمىتى يىغىنى ئاچتى.

2025 - يىلى 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، بېيجىڭ جىڭشى مېھمانخانىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، «بىرنى ئەلالاشتۇرۇش، ئالتىنى قۇرۇش»نى چىقىش قىلىپ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى شەھەر خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئېچىلغان مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا «شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن بۇ قېتىمقى مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا «چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر - بازارلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» تەلەپ قىلىنىشقىچە، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتتا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش بولۇپ كەلدى.

ئىسلاھات قانچە ئالغا سىلجىتىلغانسېرى، چېتىلىدىغان مەنپەئەتمۇ شۇنچە چوڭقۇرلىشىدۇ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا بولغان تەلەپمۇ مۇقەررەر ھالدا بارغانسېرى يۇقىرى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ئىنتايىن مول، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشمۇ مۇقەررەر ھەر تەرەپلىمە بولىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇپ، ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئومۇمىي ئۈنۈم شەكىللەندۈرۈش كېرەك».

ئىلمىي بولغان يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ئارقىلىق، مۇۋاپىق بولغان ئىسلاھات يولىنى پىلانلىدى؛ ئېنىق بولغان سىستېمىلىق پىلانلاش ئارقىلىق، پۇختا بولغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارار»ىدا «ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مەزمۇنى گەۋدىلەندۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ھەم پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛ «مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىسلاھ قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى... باش شۇجى شى جىنپىڭ «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش رامكىسى ئىچىدە ئىسلاھاتنى پىلانلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا روھ ۋە كۈچنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەش، تېخىمۇ ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش

− «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك»

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 2025 - يىلىدىكى «يېرىم يىللىق دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى −

ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 66 تىرىليون 53 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشتى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر كۆزلىمىدىن ياخشى بولدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا يۈكسىلىش تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلاندى.

خەلقئارا مۇھىتتا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا، دۆلەت ئىچىدىكى يېڭى - كونا قۇۋۋەت تېز ئالمىشىپ، قىسمەن ساھەلەردىكى كارخانىلارنىڭ تىجارىتى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادى قانداق قىلىپ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ؟

ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق تەدبىردىن ياخشى پايدىلىنىش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھاياتىي كۈچ قوشتى.

ئىسلاھات ئارقىلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم بولۇش ئاساسىدا يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش −

2024 - يىلى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، مۇھاكىمە قىلىندى. ئەينى چاغدا، جۇڭگو ئىقتىسادى 1 - پەسىلدە ياخشى باشلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، 2 -، 3 - پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورىيىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ ئورۇنداشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە تۇرۇۋاتاتتى.

تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئۆي بازىرى ۋە پاي بازىرىنى جانلاندۇرۇش، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش، مەبلەغ سېلىش، ئىستېمال، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش... يىغىندا بىر قاتار كۆپەيمە سىياسەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، بازار ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇش، تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۆرۈنەرلىك قايتا ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇندى.

2025 - يىلى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، يەنە بىر مەيدان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى، مۇھاكىمە قىلىندى. ئەينى چاغدا، خەلقئارا ۋەزىيەتتە جىددىي ئۆزگىرىش بولۇپ، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا تەرتىپى ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆپىيىپ كەتكەنىدى.

يىغىندا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ»، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئەڭگۈشتەر ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

ماكرولۇق ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم كۈچەش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. ئىككى قېتىملىق يىغىندا بىردەك ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ھالدا ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش كۆزلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن زەربىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر قىلىندى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشتىكى قالتىس ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

بۇ بىر يىلدا، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بۇ نۇقتىلىق ۋەزىپە مەھكەم تۇتۇلۇپ، ئىسلاھات روھى، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇلدى، جۇڭگو ئىقتىسادى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلىدى.

پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايومنى كۆپەيتىپ تارقىتىپ، «ئىككىنى يېڭىلاش» «ئىككى مۇھىم» سىياسىتىنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىچكى - تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى... دەل ۋاقتىدا يولغا قويۇلغان تۈرلۈك ئىجادىي سىياسەت - تەدبىرلەر بېيىتىلدى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ماسلىشىپ كۈچ چىقاردى.

پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى يولغا قويۇلدى، مەركەز قاتلىمىدىن تۇنجى قېتىم بازار ئىجازىتى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا مەخسۇس سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججەت ئېلان قىلىندى، «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى كۆرسەتمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» ئېلان قىلىنىپ، بازار توسۇقى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بۇزۇپ تاشلاندى، «پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش ھەرىكەت لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى... تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق توسالغۇلارنى تۈگىتىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇلدى.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بۇ يىلدىن بۇيان، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمىنىڭ ھەممىسى ياخشىلاندى، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىچكى ئېھتىياجنىڭ GDPنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %68.8 بولۇپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچى كۈچلۈك ئاشۇرۇلدى.

ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش −

100دىن ئارتۇق كارخانا ماكانلىشىپ، ئەتراپتىكى رايونلاردا 400گە يېقىن چوڭ مودېل كارخانىنىڭ توپلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتتى، تۈرتكە بولدى، شاڭخەي «موسۇ بوشلۇقى» چوڭ مودېل يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە مەھەللىسىدە سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىلغان، ئېكولوگىيەسى ماسلاشقان، مەنزىرىسى ئېچىۋېتىلگەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۆرۈنۈش سىزىپ چىقىلماقتا.

بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي چوڭ مودېل كەسپىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئارقىلىق سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ياخشى خۇلاسىلەپ، ئىزدىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، تىرىشىپ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىسلاھات تېمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ تەخىرسىز تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى»؛ «رايون ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنى تېخنىكا يۆتكەش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورنىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ ماسلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك»؛ «ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، زور بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرگەندىلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ» ...

تەتقىقات ئورنى، ئىلىم - پەن شەھەرچىسىدىن ياسىمىچىلىق كارخانىسى، كەسىپلەر باغچىسىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەڭ جانلانغان جايلارغا قايتا - قايتا چوڭقۇر چۆكۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىشىغا يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، DeepSeekنىڭ بىردىنلا مەيدانغا كېلىشىدىن دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىملىق «ئادەم بىلەن ماشىنا ئادەم بىللە يۈگۈرۈش» يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈشكىچە، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى.

تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتە، پەن - تېخنىكا بىلەن مائارىپ ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە كۈچلەرنى تەشكىللەش كۈچەيتىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى تۈرگە ئايرىپ باھالاش ئىسلاھاتى ۋە پەن - مائارىپ ساھەسىدىكى «قالپاق»نى تۈزەش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى؛ يېڭىلىق يارىتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى ۋە كەسىپ زەنجىرى ئارىسىدىكى بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى كۈچەيتىلدى... دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان يېپيېڭى قىياپەت سىجىل نامايان قىلىندى.

ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش −

2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، بېيجىڭدا پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى؛ 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، بېيجىڭدا خەلقئارا سودا - سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى.

بۇ يىل باھاردا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى سودا - سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت روشەن سىگنالنى تارقاتتى.

ئىچكى جەھەتتە، «ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى قانۇن بويىچە باراۋەر ئىشلىتىش، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشتىكى تۈرلۈك توسالغۇلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى رىقابەت خاراكتېرلىك ساھەلەرنى تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىگە ئادىل ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلەندى.

سىرتقا قارىتا، «جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەمدە كېڭەيمەكتە، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلدى.

ئىسلاھات قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ؛ ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىكى «تەجرىبە ئېتىزى» بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، يېڭى تەجرىبىلەرنى توپلاشتىن ئىبارەت تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان.

2024 - يىلى 8 - ئايدا ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 6 - قېتىملىق يىغىنىدا، «ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو (فۇجيەن) ئەركىن سودا سىناق رايونى شيامېن بۆلەك رايونىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەمگە ئۇدۇللىشىش جەھەتتە چوڭقۇر، تۈجۈپىلەپ ئىزدىنىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

2025 - يىلى 4 - ئايدا، «ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» سىرتقا ئېلان قىلىندى. 7 - ئايدا گوۋۇيۈەن شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ 77 تۈرلۈك نۇقتىدا سىناق قىلىش تەدبىرىنى باشقا ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىغا ياكى پۈتۈن مەملىكەتكە كۆپەيتىش، كېڭەيتىش توغرىسىدا ھۆججەت چىقاردى.

تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تېز ئالغا سىلجىتىلىشى دەل بىر يىلدىن بۇيان يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھات - تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچقانلىقنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

«چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىجازىتىنى ئالاھىدە باشقۇرۇش تەدبىرى (پاسسىپ تىزىملىكى) (2024 - يىل نۇسخىسى)» يولغا قويۇلۇپ، ياسىمىچىلىق ساھەسىدە تاشقى مەبلەغ ئىجازىتىگە چەك قويۇش تەدبىرلىرىدە «نۆللەشتۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ «مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۇنىۋېرسال سىناق خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش لايىھەسى» ئېلان قىلىنىپ، 155 تۈرلۈك نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق توققۇز جايدا چەت ئەل سودىگەرلىرى مۇستەقىل مەبلەغ سالغان دوختۇرخانا قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىندى؛ خادىملىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىش ۋىزىسى كەچۈرۈم قىلىنغان كۆپلىگەن دۆلەت يېڭىدىن كۆپەيتىلدى؛ ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە %100 باج تۈرىدىكى مەھسۇلاتتىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق ئىمتىيازى بېرىلدى؛ جۇڭگو (جېجياڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى كۆپ مىقدارلىق تاۋار بايلىقىنى تەقسىملەش تۈگۈنى قۇرۇلۇشى لايىھەسى ئېلان قىلىندى... ئىسلاھات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى ۋەزىيەت ئۈزلۈكسىز شەكىللەندى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۆلىتىمىزنىڭ سودا كۆلىمى 50 مىليارد يۈەندىن ئاشقان شېرىكلىرىنىڭ سانى 61گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بەشى كۆپەيدى. جۇڭگو تاموژنىسىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر قارارلىق سودا گۈللىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئېكسپورت كارخانىلىرى ۋە ئىمپورت كارخانىلىرىنىڭ ئىشەنچى ئۇدا ئىككى ئاي ئاشقان.

«جۇڭگوغا ئىشەنگەنلىك دەل ئەتىگە ئىشەنگەنلىك، جۇڭگوغا مەبلەغ سالغانلىق دەل كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغانلىق.» جۇڭگو ئېچىۋېتىش تەشەببۇسكارلىقى ئارقىلىق ئىسلاھات - تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، يېڭى قۇۋۋەت بېغىشلىدى.

ئىدارە قىلىش يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش

− «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك»

2025 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يىل.

4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

«قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك» «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك» «يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى بىخەتەرلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»... تاشقى جەھەتتە ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئىچكى جەھەتتە دۆلەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات - تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر قاتار ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى.

بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈش ۋە داۋاملىق يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم بىر تەجرىبىسى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكى.

تەرەققىيات تېما چىقاردى، ئىسلاھات جاۋاب قەغىزىنى پۈتتى. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى، شۇنداقلا «سالمىقى تېخىمۇ يۇقىرى، مەزمۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر» بولغان ئىسلاھات جاۋاب قەغىزى.

تاغلار ئېگىز، ئېقىنلار ئۇزۇن بولسىمۇ، يىراق بىلىنمىدى، توسالغۇلار سۈپۈرۈپ تاشلانغان بولسىمۇ، ئىرادە ئۆزگەرمىدى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، دىققەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئىسلاھات باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەندى.

پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش −

2025 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، «1 - ئىيۇل»نىڭ ئالدىنقى كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى خىزمەت نىزامى»غا قاراپ چىقىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، مەسئۇلىيىتى ۋە يۈرۈشۈشىنى قېلىپلاشتۇردى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم خىزمەتلەرگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش يېڭى ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى ۋە ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرىنى تەشكىللەپ قۇرۇش، مۇھىم ساھەلەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن ئەۋەتكەن ئورگىنىنى تەسىس قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم خىزمەتلەرگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى كۈچەيتىلدى.

مەركىزىي كومىتېت پۇل مۇئامىلە خىزمەت كومىتېتى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈم سىستېمىسىنى تېز تاكامۇللاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى، تۈرتكە بولدى؛ مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى... بىر يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كېڭىشىش - ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشى، باشقۇرۇشى تېخىمۇ قاتتىق قېلىپلىشىپ، رولى تولۇق، ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «مەيلى نېمىنى ئىسلاھ قىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئىسلاھاتتا قايسى باسقۇچقا بېرىشتىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىدە پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك».

پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش 40 نەچچە يىللىق ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى شىفىر، شۇنداقلا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى.

مۇساپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، يول باشلايدىغان كۈچكە شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

بىر يىلدىن بۇيان، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پارتىيەنىڭ ئومۇملۇقنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىلىپ، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش −

2025 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، بېيجىڭ خەلق سارىيى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىن زالى.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى (لايىھە)»، بۇ، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى قوغداشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچ مۇجەسسەملەنگەن مۇھىم قانۇن دەستۇرى لايىھەسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 15 - يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى.

قانۇن دەستۇرىنىڭ سەھىپىسى ئېچىلدى، يېشىل تاغ سۈرەتتەك نامايان بولدى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈشنى ئېنىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتىن ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى تۈزۈشتە «ئاچقۇچلۇق قەدەم» بېسىشقىچە، لايىھەدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇندا بەلگىلەنگەن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش جەھەتتىكى ئورتاقلىققا ئىگە تۈزۈم ئومۇمىي قائىدە، ئادەتتىكى بەلگىلىمە قىلىپ خۇلاسىلەندى، تاۋلاپ چىقىلدى، ھەم ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ئۈنۈملۈك پىشقان تەجرىبىلەر قانۇن - تۈزۈم بەلگىلىمىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.

ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىق خۇددى قۇشنىڭ ئىككى قانىتىغا، ھارۋىنىڭ ئىككى چاقىغا ئوخشايدۇ. ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى ۋە چوڭقۇر سۇ رايونىغا قەدەم قويدى، قانۇنچىللىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە، قانۇنچىللىق كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشقا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ دولقۇن يېرىپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەشكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق.

ۋەكىللەر قانۇنىنى تۈزىتىش قانۇنچىللىق يولىدا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى؛ رېۋىزىيە قانۇنىنى تۈزىتىش رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى... قانۇنچىللىق ئۆتكۈر شەمشىرى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچلۈك ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان، جازاغا قوشۇلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى تەتبىقلاش يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلدى، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش كۈچەپ ئالغا سىلجىتىلدى... قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى ئىسلاھات ماس ئالغا سىلجىتىلىپ، قانۇنچىللىق سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈلدى.

قانۇن ئىدارە قىلىش كۈچى يۈرگۈزۈلۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلۈپ، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ ئۇل تېشى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇندى.

خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات كۈچى ئارقىلىق خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش −

2025 - يىلى 1 - ئاي، باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ لياۋنىڭغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، مەركەزلىك ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى شېنياڭ دادۇڭ رايونىنىڭ چاڭئەن كوچا باشقارمىسى چاڭئەن ئولتۇراق رايونىغا كېلىپ، ئاھالىلەرنى ئۆيلىرىگە كىرىپ يوقلىدى.

كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىر ئۇچى خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە تۇتىشىدۇ، بىر ئۇچى شەھەر تەرەققىياتىغا چېتىلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىشنى ئەستىن چىقارمىدى.

تەكشۈرۈشتە بولۇش داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىسلاھاتنى تۇتۇشتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، قىيىن نۇقتىنى ھەل قىلىش كېرەك» «شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك».

2024 - يىلى 7 - ئايدا، «ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش بەش يىللىق ھەرىكەت پىلانى» بېسىپ تارقىتىلدى. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن شەھەرگە كىرىپ ئولتۇراقلاشقان دېھقانلارنىڭ يېزا ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش سىياسىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقىچە، شەھەرلەر ئارا قاتناش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىن شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە... ھەرىكەت پىلانىدا تۆت تۈرلۈك چوڭ ھەرىكەت، 19 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ھەم ئالاقىدار سىياسەت - تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

خەلق ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ئەھمىيىتى بولىدۇ؛ خەلققە تايىنىپ ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدۇ.

بىر يىلدىن بۇيان، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىنىپ، خەلقنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى، تۈپ مەنپەئىتى، ئۇزاق كەلگۈسى مەنپەئىتى چىقىش قىلىنىپ پىلانلاندى ۋە ئالغا سىلجىتىلدى.

ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈلۈپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار بېسىپ تارقىتىلىپ ۋە يولغا قويۇلۇپ، ئىختىيار بولۇش، ئەۋرىشىم بولۇش پىرىنسىپى ئىگىلىنىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن بىرقەدەر ئاستا رىتىم بىلەن ئازراق نىسبەتتە تەدرىجىي تەڭشەلدى؛

مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆزلىنىپ، «مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يىرىك پىلانى پىروگراممىسى (2024 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە)»دا «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» «ناھىيە تەۋەسىدە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولۇشى بويىچە مائارىپ مۇپەتتىشلىكى، باھالاشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، شەھەر تەۋەسىدە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛

ياشانغانلار، بالىلارنى قوغداش چۆرىدىلىپ، ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، بالىلارنى داۋالاش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى تەمىناتى سىجىل ئاشۇرۇلدى، ياخشىلاندى، شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى؛

ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە چىڭ قادىلىپ، يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەركەز قاتلىمىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججەت ئېلان قىلىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق 24 ماددىلىق تەدبىر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر ئېلان قىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، تەڭپۇڭ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، مەنپەئەتلىنىشچان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇندى.

تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى خەلق رايىغا ئويغۇنلىشىپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۈچ چىقىرىپ، ئاممىنىڭ ئەڭ تەخىرسىز ئارزۇسىغا ھەقىقىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىسلاھاتتا يەلكەن چىقىرىپ ئالغا ئىلگىرىلەش شىجائىتىمىز تولۇپ تاشتى، جەڭ دۇمبىقىنى چېلىپ يەنە سەپەرگە ئاتلاندۇق.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ئەڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى مەنزىرىنى نامايان قىلماقتا. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتقاندىلا، چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.