تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 280 مىليارد 820 مىليون يۈەن بولۇپ، كۆلەم جەھەتتە ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئاشتى؛ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 25.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 4 - ئورۇندا تۇردى. بۇنى مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئۈرۈمچى تاموژنىسى شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىدى.

6 - ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 53 مىليارد 170 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.7 ئاشتى، بۇ يىل يەككە ئايدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت كۆلىمى ئۇدا تۆت ئاي 50 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.

«ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نەتىجە قەغىزى تاپشۇردى» دېدى ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى لى چىڭخۇا.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدىكى باشلامچى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر بولغان ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.8، %15.1، %39.5، %21.9 ئېشىپ، قوشۇپ ھېسابلىغاندا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئىگىلىگەن نىسبىتى دېيىلدى)نىڭ %79.9ىنى ئىگىلىدى. شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 195 مىليارد 270 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.4 ئاشتى؛ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 85 مىليارد 550 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.6 ئاشتى.

سودا ھەمراھى دائىرىسى سىجىل كېڭەيدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جۇڭگو شىنجاڭ دۇنيادىكى 222 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى قىلدى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە قىلغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 237 مىليارد 590 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.9 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %80تىن ھالقىدى؛ رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (RCEP)گە ئەزا دۆلەتلەرگە قىلغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %98.7 ئېشىپ، ئوكيان ھالقىغان ھەمكارلىق ھاياتىي كۈچى گەۋدىلەندى.

پۇقراۋى كارخانىلار يەنىلا ئاساسىي قوشۇنلۇق ئورنىنى ساقلىدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدا ئەمەلىي نەتىجىسى بار تاشقى سودا كارخانىسى 3181 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.9 كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە پۇقراۋى كارخانا 3046 بولۇپ، ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 264 مىليارد 720 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.5 ئاشتى، ئىگىلىگەن نىسبىتى %94.3 بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىغا قوشقان ئومۇمىي تۆھپە نىسبىتى %98.2كە يەتتى.

«يېقىنقى ئۈچ يىلدا، شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئىزچىل %90تىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلىدى.» لى چىڭخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ ماشىنا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.7 ئاشتى، «يېڭى ئۈچ خىل مەھسۇلات»نىڭ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.2 ئاشتى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسى يولغا قويغان پورت تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا دائىر 20 تۈرلۈك تەدبىر خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت يولى سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ تاشيول ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى 7 مىليون 891 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.1 ئاشتى؛ تۆمۈريول ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى 14 مىليون 768 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 ئاشتى؛ ئاۋىياتسىيە ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى 19 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.5 ھەسسە ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.