تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرالايدىغان بولدى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېي خۇڭپىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە تۇرالغۇ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى تاپشۇرۇش-تاپشۇرماسلىق ۋە ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى، تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدىكەن.

  تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تۈزۈمىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تۈزۈمى سىياسىتىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ كۆپ خىل يول ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى پىكرى» (گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى [2020] 27-نومۇرلۇق) ۋە ئالاقىدار سىياسەت تەلىپىگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ماس يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار شەخسلەر تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى، قەرز پۇل ئېلىش مۇددىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىدارىلەردىكى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن ئاساسەن بىردەكلىكنى ساقلايدىكەن؛ جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلسا، تۇرالغۇ مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ئورتاق بەھرىلەشكە، تۇرالغۇ مەبلىغىنىڭ ئومۇمىي ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، قولايلىق، جانلىق مېخانىزم ئورنىتىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى تاپشۇرۇش، چېكىنىش جەھەتتىكى ئۆز ئالدىغا تاللاش ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىنىدىكەن.

   جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 16 ياشقا توشقان، لېكىن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشمىغان، ئىناۋىتى ياخشى، تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە ياكى تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قارالغان، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان، يەككە تىجارەت، يېڭى كەسىپ ھالىتى قاتارلىق شەكىلدە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان تۈرلۈك خادىملار، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇش پۈتكۈزگىنىگە ئۈچ يىلدىن ئاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان تەيۋەن، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق كىشىلەر ۋە «چەت ئەللىكلەر مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى» ئالغان چەت ئەللىك كىشىلەر بىردەك تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

   جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى ھەر يىلى ئېلان قىلىدىغان ئايلىق ھەق تاپشۇرۇش ئاساس سانىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن دائىرىسىدە ئايلىق ھەق تاپشۇرۇش سوممىسىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ، كېيىن ھەر يىلى 7-ئايدا بىر قېتىم ئايلىق  ھەق تاپشۇرۇش سوممىسى ۋە تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى تەڭشىسە بولىدۇ.

   جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئۈچۈن تاپشۇرىدىغان مەبلەغنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ، شەخسلەر ئىسچوتى ئېچىپ يان تېلېفوندىكى ئاممىۋى فوند Appسى ياكى ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇلازىمەت كۆزنىكى قاتارلىق مۇلازىمەت يوللىرى ئارقىلىق بېجىرسە بولىدۇ. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئاي بويىچە ياكى پەسىل بويىچە تاپشۇرۇش، يېرىم يىل ياكى يىل بويىچە جانلىق تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدۇ.

   جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار تاپشۇرغان تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى شەخسىي ئىسچوتقا ئامانەت قويغان كۈندىن باشلاپ، دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

   يولغا قويۇش لايىھەسىدە يەنە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا قارىتا ماس ياردەم پۇل بېرىش سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يەنى ياردەم پۇل بېرىش ئوبيېكتى ئۇدا، تولۇق سوممىسى بىلەن تاپشۇرغان ۋاقتى 12 ئايدىن ئاشقان (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەمدە ھېساباتتىكى پۇلنى ئىشلەتمىگەن جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. ھەر يىلى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا شۇ يىلى تاپشۇرغان سوممىسىنىڭ %0.5ىلىك ئۆلچەم بويىچە ياردەم پۇل بېرىلىدۇ.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرمۇ ياردەم پۇل سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئۈچ يىلدىن ئاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر شەخسىي ئىسچوت ئاچقاندىن كېيىن، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئۇدا، تولۇق تاپشۇرغىنىغا ئالتە ئاي توشقان (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولسا ھەمدە ھېساباتتىكى پۇلنى ئىشلەتمىگەن بولسا، بىر قېتىمدىلا 100 يۈەن ياردەم پۇل بېرىلىدۇ.

    ياردەم پۇل بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، كېيىنكى ئايدا ياردەم پۇل مەبلىغىنى شەخسلەر تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ھېساباتىغا يوللاپ بېرىدۇ. ياردەم پۇل بېرىش سىياسىتى شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار مۇلازىمەت كۆزنىكى ياكى يان تېلېفون ئاممىۋى فوندى Appسى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تۇنجى قېتىم شەخسىي ھېسابات ئېچىپ تاپشۇرغاندا پەقەت بىر قېتىملا بەھرىمەن بولالايدۇ. پۇل تاپشۇرغانلار يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك ياردەم پۇل سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلسە تەكرار بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

   ئەگەر تېخىمۇ كۆپ سىياسەتنى تەپسىلىي بىلمەكچى بولسىڭىز، 12329غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.