خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 23-كۈنى گۇڭئەن مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش»، بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بېجىرىش ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى چاستوتىلىق نوپۇس ئىشلىرى كەسپىنى «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش»نى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كىملىك كەسپىنى «مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش بېجىرىش»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان، 100 مىليون ئادەم (قېتىم)گە يېقىن ئامما باشقا جايدا كىنىشكا بېجىرىش قولايلىقىدىن بەھرىمەن بولغان.
شوپۇرلۇق كىنىشكىسىدا «مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئىمتىھان ئېلىش»، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى تىزىملاشتا «بىر كىنىشكا ئارقىلىق ھەممىنى بېجىرىش»، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش قاتارلىق 60تىن ئارتۇق قاتناش باشقۇرۇش بويىچە خەلققە قولايلىق يارىتىش تەدبىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 6 مىليارد ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق ئامما بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش تەننەرخى 100 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئازايتىلغان. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە 100 مىليوندىن ئارتۇق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى ئېلېكتىرونلۇق يول يۈرۈش كىنىشكىسى، 300 مىليوندىن ئارتۇق شوپۇر ئېلېكتىرونلۇق شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالغان.
كېيىنكى قەدەمدە، گۇڭئەن ئورگانلىرى كۆچمە ئالاقە تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پائال پايدىلىنىپ، تۈرلۈك گۇڭئەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ تەدبىقلاپ، ئاممىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي، ئەقلىي ئىقتىدارلىق «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






