تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«ئوت» ئىسسىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى ھەرخىل شەكىلدە سالقىندىدى

7-ئاينىڭ 24-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن سۇ ئۈزۈش مەركىزىنىڭ سىرتتىكى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە سۇ ئۈزمەكتە.

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى، خەۋىرى) يېقىندا، ئۈرۈمچىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى. يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىكى ئوت ئىسسىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھەر خىل شەكىلدە سالقىنداش شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى «ئاساسىي مېلودىيە»گە ئايلاندى، سودا ساراي، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، كەچلىك بازار قاتارلىق مەيدان-سورۇنلار قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى.

  شەھەر رايونىدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا سارايلاردا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ ئاتا-ئانىلار، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش مەيدانلىرىغا بېرىپ سالقىندىدى، «تالا بەك ئىسسىق، سودا ساراي ئىچىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ بار، بۇ يەردە بالىلارنى ئويناتقىلى ھەم بازار ئايلانغىلى بولىدۇ، پۈتۈن بىر كۈن تۇرساقمۇ راھەت ھېس قىلىمىز» دېدى سودا سارايدا بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇپ كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى ئوينىتىۋاتقان شەھەر ئاھالىسى لى خانىم.

  كەچقۇرۇن، ئىسسىق ئاستا-ئاستا يېنىپ، ھەممە يەر ئاۋاتلىشىپ كەتتى، مودا ھەم كۆپ خىللىققا ئىگە كەچلىك بازارلار نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى سالقىنداشقا، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىشكە جەلپ قىلدى.

7-ئاينىڭ 24-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى خۇالىڭ سودا شەھەرچىسىدە كىچىك تىپتىكى شامالدۇرغۇچ سېتىۋالماقتا، سوغۇق چىقىرىش تۈرىدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىش ئاۋات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى.

  7-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى خۇڭسەن MALLدىكى بالىلار كۆڭۈل ئېچىش باغچىسىدا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلارنى ئويناتماقتا.

7-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى رىيۆ شىڭگۇاڭ كەچلىك بازىرىدا، شەھەر ئاھالىلىرى ئايلانغاچ مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگمەكتە.

7-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدىكى ئىسسىق ياندۇرىدىغان ھەر خىل قوغۇن-تاۋۇز، مېۋە-چېۋىلەر.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.