«يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ 1 - مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
ئۈرۈمچى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە ئالدىدا ماڭدى، ئۈلگە بولدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو چيەن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ 1 - مەيدان يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئىقتىساد، جەمئىيەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۈرۈمچىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش» چۆرىدىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەر تونۇشتۇرۇلدى.
«ھازىر ئۈرۈمچىدە، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ، تۈرلۈك ئەۋزەللىكلەر گىرەلەشتۈرۈلۈپ جارى قىلدۇرۇلدى، تەرەققىيات ئىستىقبالى چەكسىز پارلاق» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ياقۇپ پەتتۇللا. ئۇ يەنە تۆت ئاچقۇچلۇق سۆزنى چۆرىدەپ تونۇشتۇردى.
كۈچنى توپلاپ ئىقتىدارنى كېڭەيتىش. ئۈرۈمچى شەھىرى خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «2 + 5» زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى، «8 + 6» زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى سىستېمىسى ۋە زامانىۋى مەركىزىي شەھەر يېزا ئىگىلىك سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە، «2 + 5» كەسىپ كۆلىمى 150 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، «8 + 6» زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كۆلىمى 300 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، ساياھەتچىلىكتىن ئىبارەت 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپتىن ئىككىنى، خىمىيە سانائىتى، يېڭى ماتېرىيال، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىشتىن ئىبارەت 50 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپتىن تۆتنى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېشىل يېمەكلىك، زامانىۋى سودا قاتارلىق 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپتىن سەككىزنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
سۈرئەتنى تېزلىتىپ، كۈچنى زورايتىش. ئەسلىدىكى تارقاق باشقۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈلگەن شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى، ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىساد رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننى زور كۈچ بىلەن ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈپ، شەھەر دەرىجىلىك بىرتۇتاش پىلانلايدىغان «قوش پورت » بۆلەك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇپ، شەھەرلىك ئەركىن سودا خىزمىتى ئىدارىسى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈش، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 263 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى %88.6 تاماملىدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 72 تۈرلۈك ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىنى يولغا قويدى، 78 تۈرلۈك مەملىكەت بويىچە، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى زاكاز كەسىپنى ئەمەلىيلەشتۈردى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سودىسى، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈردى. ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدا يېڭىدىن جەمئىي 11 مىڭ كارخانا تەسىس قىلىندى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن شەھەرنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى %39.5 ئاشتى.
ئىناق ياشاشقا ماس كېلىش. شەھەر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ «158» ئومۇمىي رامكىسى بويىچە، «سەككىز چوڭ نۇقتىلىق بۆلەك رايونى»نى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «شەھەر مەركىزى بۆلىكى»نى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «بەش چوڭ شەھەر يادرولۇق فۇنكسىيەسى»نى مۇقىم ئۆستۈردى. ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلەتتى، بۇ يىل ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، «خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى شەھىرى»نىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى؛ شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ غەربىي لىنىيەسى پۈتۈپ قاتناش باشلىنىپ، ئۈرۈمچى «ئۈچ ئايلانما يول دەۋرى»گە قەدەم قويدى؛ گەنچۈەنپۇ 2 - سۇ زاۋۇتىغا سۇ يەتكۈزۈلۈپ يۈرۈشتۈرۈلدى، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، شەھەرنىڭ سۇ بىخەتەرلىكى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىندى؛ كونا ئولتۇراق رايونلار، «شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەر»نى ئۆزگەرتىش، «ياخشى ئۆي» قۇرۇلۇشى ھەر مىللەت ئاممىنى ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان ئەمىن ئۆيدە تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شەھەر سۈپىتىنى تېز ئۆستۈرۈپ، «ئۈچ چوڭ قوغداش جېڭى»نى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، شەھەرنى پاكىزلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش، يورۇتۇش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلىدى، ئۈرۈمچىنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، يېرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتى تېخىمۇ گۈزەل بولدى.
ھېس قىلغىلى، مەنپەئەتلەنگىلى بولۇش. مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر يىلى بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولدى. باشتىن - ئاخىر ئاممىنىڭ ئىش ئورنى، ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇش ئورنى ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجىغا ئەھمىيەت بەردى، 2024 - يىلىدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى جەمئىي 170 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتى ئارقىلىق كىشىلەرنى جەلپ قىلدى؛ ئوقۇش ئورنى ۋە يەسلى ئوقۇش ئورنىدىن 23 مىڭنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇش ئورنىدىن 60 مىڭنى كېڭەيتىپ، تىرىشىپ ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ياخشى مەكتەپلەرنى بارغانسېرى كۆپەيتتى؛ شەھەر داۋالاش گۇرۇھىدىن ئۈچنى، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسىدىن يەتتىنى، داڭلىق دوختۇر (مۇتەخەسسىس) خىزمەت ئىشخانىسىدىن 20نى قۇرۇپ، بىر نومۇر ئۈچ كۈن ئىناۋەتلىك بولۇش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاممىنى داۋالىنىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.
ياقۇپ پەتتۇللا مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋالىدۇ.






