تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىدى

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى −

خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتتى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىستىلنى پائال ياخشىلاپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئاممىغا ئىستىل قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى دىققەتنى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئالدىن كۆرەرلىكلىكى، قاراتمىلىقى، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى شەكىللەندۈردى. نازارەت پارتىيە گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش، قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، يېزىلاردا تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۇ ھەققى ھېساباتىنى باشقۇرۇش قاتارلىق يەتتە ساھەدىكى تېمىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىدىن دوكلات بەردى. يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دىققەتنى سۇ تىزگىنلەش ئەمەلىيىتىدىكى يېڭى مەسىلىلەر، سۇچىلىق ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان سۇغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، سۇچىلىق خىزمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تۇتاشتۇرۇپ، نەتىجىلەرنى دەلىللەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزەشنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىپ، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى ئىزلاپ نازارەت قىلىش - يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

«ئۆي قەرزىنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، رەنىگە قويۇشنى بىكار قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە بىر قېتىممۇ قاترىماي، يان تېلېفوندىلا بېجىرىپ بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن» دېدى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ساۋ بوۋېن «يان تېلېفون ئاممىۋى فوندى»APPسى ئارقىلىق تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلى رەنىسىنى توردا بىكار قىلىش رەسمىيىتىنى تېزلا بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا.

ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى دىققەتنى ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش جەھەتتىكى ئاغرىنىدىغان نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، رەقەملەشتۈرۈش ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئىستىلنى ياخشىلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ۋە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ رەنىنى توردا بىكار قىلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ئۆي - مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشنى بىكار قىلىشتا «توختىماي قاتراش، كۆپ جايغا قاتراش»تىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى. سانلىق مەلۇماتتىن بىخەتەر ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى ئارقىلىق، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش سىستېمىسى بىلەن ئاممىۋى فوند يادرولۇق كەسىپ سىستېمىسىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئەمەلىي ۋاقىتتا ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇش يولىنى ئېچىپ، «سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىش»نى «ئامما قاتراش»نىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. «تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ھېساباتىنى ئۈزۈش، رەنىنى بىكار قىلىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى بەرپا قىلىپ، ھېساباتنى ئۈزۈش بىلەن رەنىنى بىكار قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ «بىر ئىش» قىلىپ، «قەرزنى ئۈزۈش، كېپىللىكنى بىكار قىلىش، رەنىنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش» قاتارلىق كۆپ تارماقنىڭ ئالاقىلىشىش تەرتىپىنى تۇتاشتۇرۇپ، توردا تەستىقلايدىغان يانداش قۇرۇلما دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ئامما رەنىنى بىكار قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە «ماتېرىيال تەييارلىماسلىق، قاترىماسلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. بېجىرىش ۋاقىت چېكىنى ئەنئەنىۋى ئەندىزىدىكى بەش - يەتتە خىزمەت كۈنىدىن ئىككى كۈنگە قىسقارتىپ، توردا ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى %26.14 ئۆستۈرۈپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنىڭ سالمىقى، سۈرئىتى، ھارارىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

ساياھەتچىلەر مەركەزلەشكەن رايونلاردا كۆچمە ئاممىۋى ھاجەتخانىدىن 20دىن ئارتۇقنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش، بىكار تۇرغان يەرلەرنى بىرىكتۈرۈپ 2600دىن ئارتۇق ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش، 85 توكلىغۇچنى دەل جايىدا مەبلەغ سېلىپ قۇرۇش؛ تۈرلۈك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قوبۇل قىلىپ «بوشياۋئەي» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىن 154نى قۇرۇپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش، مەسلىھەت بېرىش، يېتەكلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىش... باغراش ناھىيەسى ساياھەتچىلەر مەركەزلىك ئىنكاس قىلغان مەنزىرە رايونلىرىدا بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ھاجەتخانا تېپىش قىيىن بولۇش، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، توك قاچىلاش قىيىن بولۇش ۋە يول راۋان بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ھەر تەرەپلىمە ئىناق، ئازادە ساياھەت مۇھىتى يارىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىسىنى ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇردى.

«دەرھال تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. قورغاس ناھىيەسى خەۋپ - خەتەر نۇقتىسى ۋە ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا، مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جەريانغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، نەق مەيداندا ئۈنۈمنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزىتىش - تۈزەشنىڭ يېپىق ھالقىلىق مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىلگەن ھامان تۈزىتىش، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم قەپىزىنى چىڭىتىپ، كادىرلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت ئۆلچىمى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش تەپسىلىي قائىدىسى، كاماندىروپكا خىراجىتىنى باشقۇرۇش چارىسى قاتارلىق تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈردى. باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى ئېتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.