7 ـ ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ قاراماي شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى گۇخەي ئېكولوگىيە باغچىسى بىر تۈركۈم ئالاھىدە «مېھمان»لارنى − دۆلەت 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان ئاق باش قاتتىق قۇيرۇق ئۆردەكنى كۈتۈۋالدى. ئۇلار توپ-توپ بولۇپ سۇلۇق يەردىكى سۇ رايونىدا ئوزۇق ئىزدىگەچ، ئويناپ، بىر پارچە جانلىق ئېكولوگىيە گۈزەل مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.
ئەتىۋارلىق تۈر بولغان ئاق باش قاتتىق قۇيرۇق ئۆردەك ئالاھىدە تار ھەم قاتتىق قۇيرۇق پەيلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. ئۇلارنىڭ ئەركەك، چىشىسىنىڭ پەرقى روشەن: ئەركەك ئۆردەكنىڭ ساپ ئاق رەڭلىك بېشى بىلەن چىشى ئۆردەكنىڭ بېشىدىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئاق-قارا تىك سىزىقلىرى روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ، دالىدا پەرقلەندۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق ئالاھىدىلىكتۇر.
قاراماي شەھەرلىك ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، ئاق باش قاتتىق قۇيرۇق ئۆردەك تۇنجى قېتىم قارامايغا 2022-يىلى 8-ئايدا كەلگەن. شۇ چاغدىن باشلاپ، ئۇلار ھەر يىلى يازدا گۇخەي ئېكولوگىيە باغچىسىغا «دەم ئالغىلى» كەلگەن. بۇ يىل، ئۇلارنىڭ سانى 30دىن ئاشقان.



«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






