− شىنجاڭ «يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرى» ۋەتەن سەپىرى تەتقىقات - ئۆگىنىش پائالىيىتىدە مول ھاسىلاتقا ئېرىشتى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ
«لېي فېڭ خاتىرە سارىيىدا، مەن ئۆزىنى بېغىشلاشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندىم.» «تۆمۈريول ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش مۇزېيىدا، مەن <قەھرىمان> دېگەن سۆزنىڭ سالمىقىنى چۈشەندىم.»... 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئون كۈن داۋاملاشقان 2025 - يىللىق شىنجاڭ «يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرى» ۋەتەن سەپىرى تەتقىقات - ئۆگىنىش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار ھاياجانلانغان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى.
ئون كۈن ۋاقىت ئىچىدە، شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن «يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرى» ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قەدىمى ئارقىلىق تارىخنى ئۆلچەپ، قەلبى ئارقىلىق مەدەنىيەتنى ھېس قىلدى. لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ، بېنشى، دەندۇڭ، پەنجىن، فۇشۈن قاتارلىق جايلىرىدا قانات يايدۇرۇلغان بۇ مەيدان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بىلەن مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش يۇغۇرۇلغان تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرىدە، ئۇلار مول ھاسىلاتقا ئېرىشتى، ھەربىر قېتىملىق «ھەرىكەتچان ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس» ئىللىق ھەم چوڭقۇر ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.
يول بويى خۇشال كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى، يول بويى ئۆگىنىپ ھاسىلاتقا ئېرىشتى. ئوقۇغۇچىلار تەتقىقات - ئۆگىنىش داۋامىدا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي ئاساسىنى ھېس قىلدى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
قەغەز قىيما سەنئىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان سانجى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سۈن يۈشۈەن لياۋنىڭ ئۆلكىلىك مۇزېيدا قەدىمكىلەرنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى ۋە ئەقىل - پاراسىتىگە چوڭقۇر قايىل بولدى. «بىر تال قايچا، بىر پارچە قەغەزدىن مىڭ يىللىق مەدەنىيەتنى ھەم كەلگۈسىنى قىيىپ چىققىلى بولىدىكەن.» سۈن يۈشۈەن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىللە، قەغەز قىيما ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ قالتىس، تەسىرلىك جۇڭگو ھېكايىسىنى بايان قىلىمەن.
خوتەن ناھىيەلىك 3 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى گۈلبەرنا غېنىجان مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەتقىقات - ئۆگىنىش پائالىيىتىدە، مەن نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تارىخنىڭ ۋەزنى، تەبىئەتنىڭ ئاجايىپلىقى ۋە روھنىڭ كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، شۇنداقلا ئۆگەنگەنلىرىم، ھېس قىلغانلىرىمنى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمغا سىڭدۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچان يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرىدىن بولۇش كېرەكلىكىنى چۈشەندىم.
«بىر داشۇەي مەھكىمىسى، يېرىم مىنگو تارىخى.» ئوقۇغۇچىلار جاڭ جەمەتى داشۇەي مەھكىمىسىگە كەلدى، سانسىز تارىخىي بوران - چاپقۇنغا گۇۋاھ بولغان بۇ قۇرۇلۇشتىكى ھەربىر ھويلا، ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئەينى يىلدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى چوڭقۇر جەلپ قىلماقتا.
داچىڭ بىناسى ئالدىدا، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى جاڭ شۆلياڭنىڭ «شەرقىي شىمالدا بايراق ئالماشتۇرۇش» ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. «شاۋشۇەي ئەينى چاغدا ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان قارارنى چىقىرىپتۇ، بۇ ماڭا شەخسنىڭ تاللىشى دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.» كۈيتۈن شەھەرلىك 1 - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ جۈنجيې مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردىكى ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك، چۈنكى بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئالغان».
شېنياڭ شەھىرى تيەنشۇ لياۋسى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىسى(لۇڭچېڭ كەسىپلەر باغچىسى)دا ئوقۇغۇچىلار لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدىكى فارفۇر بۇيۇملارنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى، ساپال لېيى ياساشنى سىناپ باقتى.
«مەن ئۆز قولۇم بىلەن ساپال لېيى بۇيۇملىرىنى ياساپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى تارىخىي ھېكايىلەرنى ئىگىلەپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا دائىر نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم.» گۇما ناھىيەلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى نۇرئەلى نۇرئابلا مۇنداق دېدى: «قايتىپ بارغاندىن كېيىن، مەن ساۋاقداشلىرىم ۋە دوستلىرىمغا بىزنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتىپ بېرىمەن».
لېي فېڭ روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگولۇقلارغا تەسىر كۆرسەتتى. لېي فېڭ خاتىرە سارىيىدا، ئوقۇغۇچىلار لېي فېڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرى، كۈندىلىك خاتىرىلىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئىگىلىدى.
«لېي فېڭ بىزنىڭ كىچىكىمىزدىن باشلاپ ئۆگىنىدىغان ئۈلگىمىز، ئۇنىڭ ھېكايىلىرى بىزگە ياد بولۇپ كەتكەن، لېكىن بۇ يەردە مەن لېي فېڭ روھىغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.» شايار ناھىيەلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سەرۋىناز ئابلىكىم لېي فېڭنىڭ ھېكايىسىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى، ئۇ يان تېلېفونىدا نۇرغۇن ماتېرىيالنى سۈرەتكە تارتىپ، يۇرتىغا ئېلىپ كېتىپ ساۋاقداشلىرى بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدى.
كۆكتوقاي ناھىيەلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جياڭ يىفەن مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردىكى ئۆسمۈر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز لېي فېڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىشنى ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، باشقىلارغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخىمۇ مۇھىمى لېي فېڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۇنىڭ ئىللىقلىقى ۋە كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇش، جەمئىيەتنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشىمىز كېرەك».
يالۇجياڭ دەرياسىدىكى ئۈزۈلگەن كۆۋرۈكنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: تارىخنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھازىرقى تەستە قولغا كەلگەن تىنچ تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ۋەتەننىڭ گۈللىنىپ، بېيىپ، قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
بۇ قېتىمقى تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرىدە، ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەت كىچىك ھەمراھلىرى بىلەن تونۇشتى. كۆپچىلىك ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەم بەردى، قەلب بىلەن قەلب ئارىلىقى تېخىمۇ يېقىنلاشتى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ «يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرى» ۋەتەن سەپىرى تەتقىقات - ئۆگىنىش پائالىيىتى ئۇدا ئۈچ يىل ئۆتكۈزۈلگەن. ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتتە جەمئىي 100گە يېقىن ئوقۇغۇچى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ۋەتىنىمىزنىڭ كەڭ زېمىنىنى قەدىمى بىلەن ئۆلچىدى، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكىتى ئارقىلىق «پارتىيە خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مەن بار» دېگەن جاراڭلىق قەسىمىنى چۈشەندۈردى. تەتقىقات - ئۆگىنىشكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، تەشۋىقات يىغىنى، دوكلات يىغىنى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەتقىقات - ئۆگىنىش جەريانىدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى، ھېس قىلغان - ئۆزلەشتۈرگەنلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۇرۇقىنى ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرگۈزىدۇ، چېچەكلەپ مېۋە بەرگۈزىدۇ.






