تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولايلى

​− مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شەھەر خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش كېرەك؟ مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا «بىرنى ئەلالاشتۇرۇش، ئالتىنى قۇرۇش»تىن ئىبارەت يەتتە جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەندى، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەھەر خىزمىتىنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، بولۇپمۇ 2015 - يىلى مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا «بىرگە ھۆرمەت قىلىش، بەشنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەھەر تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا زامانىۋىلاشقان شەھەر سىستېمىسىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇش، ھاياتىي كۈچكە باي يېڭىلىق يارىتىش شەھىرى، ئازادە، قولايلىق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق گۈزەل شەھەر، بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولغان ئېلاستىكلىق شەھەر، ئەخلاق - پەزىلەتنى ئۇلۇغلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان مەدەنىي شەھەر، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاقىل شەھەرنى كۈچەپ قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ «بىرنى ئەلالاشتۇرۇش، ئالتىنى قۇرۇش» پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقىرىلغان سىستېمىلىق پىلان بولۇپ، ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەش، ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىشتىكى تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى. شەھەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، بۇ تەلەپلەر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى تۇتاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇش كېرەك.

بۇ يەردە، يېڭىلىق يارىتىش شەھىرى، ئېلاستىكلىق شەھەر قۇرۇش مىسال قىلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا بولغان چۈشەنچە چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.

يېڭىلىق يارىتىش كەلگۈسىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ «ئاچقۇچلۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدارى» «ئەڭ زور ئېشىش مىقدارى». بۇ قېتىمقى يىغىندا زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرىنى قۇرۇشنىڭ ئالتە جەھەتتىكى ماھىيەتلىك مەزمۇنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، باش ئورۇندا تۇرىدىغىنى يېڭىلىق يارىتىش بولدى ھەم «ھاياتىي كۈچكە باي يېڭىلىق يارىتىش شەھىرىنى كۈچەپ قۇرۇش» توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقىدىكى يادرولۇق ئورنىنى تولۇق نامايان قىلدى.

ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەھەر − پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي بازىسى. يېڭى دەۋر كىرگەندىن بۇيان، بېيجىڭ جۇڭگۇەنسۈننىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى «تىرىليون يۈەن دەرىجىلىك» كەسىپ توپىنى شەكىللەندۈرۈشىدىن شاڭخەي جاڭجياڭ بىيوتېببىي دورىگەرلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ خەلقئارا بازارغا يۈزلىنىشىگىچە، يەنە خۇبېي ۋۇخەن دۇڭخۇ فوتو ئېلېكتىرون ئۇچۇر كەسپى كۆلىمىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %50ىنى ئىگىلىشىگىچە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش شەھەرلىرى قەد كۆتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنىڭ كۈچلۈك قۇۋۋىتىگە گۇۋاھ بولدى. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا جەزمەن يېڭىلىق يارىتىشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش كېرەك. بۇنىڭدا تەرەققىيات داۋامىدا ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، نەتىجە يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەھەر يېڭىلاشنى يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا بولغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن شۇنى كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، يەرلىك قەرزنى باشقۇرۇشتىن مالىيە، پۇل مۇئامىلە تەدبىرلىرىگىچە، ئىلگىرىكى شەھەرلەرنىڭ ئېشىش مىقدارى كېڭىيىش مەزگىلىدە شەكىللەنگەن بەزى سىياسەت - تۈزۈملەر ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشالماي قالدى، جەزمەن ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشكە تايىنىپ، شەھەر قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارارى»دا «شەھەرلەرنىڭ قۇرۇش، باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» قاتارلىقلارغا قارىتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، شەھەرنىڭ دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشتىكى تۈگۈنلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈم يېڭىلىقى ئارقىلىق تەرەققىيات كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتى ئارقىلىق تەرەققىيات ئىقتىدارىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇش ئېلاستىكلىق شەھەرنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «شەھەر تەرەققىياتىدا كۆلەملىك ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىلا ئويلىشىشقا بولمايدۇ، جەزمەن ئېكولوگىيە ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك». شەھەر قانچە ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلغانسېرى، شەھەر بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى شۇنچە چىڭ ساقلاش كېرەك، بۇ، زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرىنى قۇرۇشتا بولۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مەزمۇن.

شەھەرنىڭ نوپۇسى، بايلىقى، ئىقتىساد، جەمئىيەت پائالىيىتى يۈكسەك دەرىجىدە توپلانغان، بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىمۇ نىسبەتەن مەركەزلەشكەن. مەيلى شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ كونىرىشى ئېلىپ كەلگەن بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىش بولسۇن ياكى يەر تەۋرەش، كەلكۈن قاتارلىق شەھەر تەبىئىي ئاپەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بولسۇن، ھەممىسىدە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلاش، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلار يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، «يول سىيرتمىسى» «بوشلۇقتىكى ئۆمۈچۈك تورى» قاتارلىق تۈزەش قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، شەھەر بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى چوڭقۇر ئەسكەرتىدۇكى، شەھەرنىڭ بىخەتەر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئالدىن تەدبىر بولۇشى كېرەك، شۇنداقلا چىگىش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ياخشى چارە بولۇشى كېرەك، ئاندىن بىخەتەرلىكنىڭ ئېلاستىكلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

شەھەر خىزمىتى سىستېمىلىققا ۋە مۇرەككەپلىككە ئىگە، تۈرلۈك ۋەزىپە، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، جەزمەن شەھەر خىزمىتى قوشۇنىنىڭ ساپا ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە ياراتقاندا، چوقۇم شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىلغان، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، گۈزەل، ئېلاستىكلىق، مەدەنىي، ئاقىل زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرىنى ياخشى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.