تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلقنىڭ شەھىرى ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرىنى قۇرۇپ چىقايلى

​− مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

7 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يەنە بىر قېتىم ئاچقان شەھەر خىزمىتى يىغىنى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە شەھەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرىنى قۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا ئومۇملۇق ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرىنى قۇرۇش نىشانى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى، «يېڭىلىق يارىتىلغان، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، گۈزەل، ئەۋرىشىم، مەدەنىي، ئاقىل» بولۇشتىن ئىبارەت ئالتە جەھەتتىكى ماھىيەتلىك مەزمۇن ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان يەتتە جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىدە بۇ نىشان، ئورۇن بېكىتمىسى چىڭ كۆزلىنىپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەر تۇتۇلۇپ، جۇڭگوچە شەھەر زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىشىمىزنى مۇھىم بىلىش نەزەرىيەسى ۋە مېتودولوگىيە بىلەن تەمىنلىدى.

«شەھەرنىڭ يادروسى ئادەم» «شەھەر خەلقنىڭ شەھىرى، خەلقنىڭ شەھىرى خەلقنى كۆزلىشى كېرەك» «شەھەر يۈكسەكلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىللىقلىققا تولغان بولۇشى كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەھەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى بىزنى خەلقنىڭ شەھىرىنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتى ۋە قىممەت ئىنتىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شەھەر تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە تۈرتكە بولدى.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى دائىملىق نوپۇسنىڭ شەھەر - بازارلىشىش نىسبىتى 2012 - يىلىدىكى %53.1تىن ئۆسۈپ 2024 - يىلى %67كە يەتكەن؛ 2013 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، دۆلىتىمىزدە شەھەر - بازارلاردا جەمئىي 150 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان؛ 2024 - يىلى، 27 شەھەرنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشقان. يېڭى دەۋردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر تەرەققىياتىدا يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ۋە شەھەر تەرەققىياتى ئىقتىدار دەرىجىسى، ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىش سەۋىيەسى قاتارلىق بەش جەھەتتە زور دەرىجىدە يۈكسىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. شەھەر - بازارلاشتۇرۇش نىسبىتىنى مۇقىم ئۆستۈرۈشتىن «چوڭ شەھەر كېسىلى»، قارىغۇلارچە كېڭەيتىپ ئىشنى چوڭايتىۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقىچە، يەنە شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈشكىچە... خەلقنىڭ شەھىرى ئىدىيەسىنى باشتىن - ئاخىر ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىكتىن، شەھەرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك ۋە كۈچلۈك موتور بىلەن تەمىنلىدى.

شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش شەھەر تەرەققىياتىغا يېڭى تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. دۇنيا تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان شەھەر - بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي يۆنىلىشكە قەدەم قويدى. «دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر - بازارلىشىشى تېز ئېشىش مەزگىلىدىن مۇقىم تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە ئۆتمەكتە، شەھەر تەرەققىياتى كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇلما مىقدارنى كېڭەيتىش باسقۇچىدىن ساقلانما مىقدارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئاساس قىلىش باسقۇچىغا ئۆتمەكتە.» بۇ مۇھىم ھۆكۈم بۇ قېتىمقى يىغىندا دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ چىقىرىلغان مۇھىم ھۆكۈم. زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرىنى قۇرۇشتا، جەزمەن بۇ تارىخىي يۆنىلىشنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، بۇ زور ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىش كېرەك.

ئالتە جەھەتتىكى ماھىيەتلىك مەزمۇندىن قارىغاندا، «يېڭىلىق يارىتىلغان، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، گۈزەل، ئەۋرىشىم، مەدەنىي، ئاقىل» بولۇش شەھەر قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىشنى تەھلىل قىلساق، بۇ، خەلقنىڭ شەھىرى ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى ئاساسىي تەلەپ. ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش - تەمىنلىيەلمەسلىك شەھەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىش دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ.

يېڭى دەۋردىن بۇيان، بىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ شەھەر تۇرالغۇ ئۆي كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مەبلەغ غەملەپ جەمئىي 68 مىليون يۈرۈشتىن ئارتۇق تۈرلۈك كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىدۇق، 170 مىليون كىشىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدۇق. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە پەرۋىش تىپىدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش كارىۋىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %64.6كە ئۆستى، 300دىن ئارتۇق ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر ۋە نوپۇسى كۆپ ناھىيەدە ھاۋالىلىك بېقىش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلدى. بۇ ئەمەلىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى شەھەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇردى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، نوپۇس، كەسىپ، شەھەر - بازار، قاتناشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئازادە، قولايلىق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەرنى كۈچەپ قۇرۇپ، چوقۇم زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىجادىي ئىش، شەھەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم، مەسئۇلىيەت ئېغىر. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرىنى قۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.