يازلىق تەتىل يېتىپ كېلىشى بىلەن تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، يېزىلاردا بالىلارنىڭ سۇ ئويناپ سالقىنداش ئېھتىياجى بارغانسېرى كۈچەيدى، دالىدا سۇ ئۈزۈش يوشۇرۇن خەۋپىمۇ كۆپەيدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خوتەن ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازار، كەنتلەر پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، بىكار تۇرغان مەيدانلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرى مەبلەغ تەييارلاپ، «ئىشىك ئالدىدىكى بىخەتەر سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى» بەرپا قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئۇلارنى بىخەتەر شارائىتتا سالقىنداشتىن بەھرىمەن قىلدى.

خوتەن ناھىيەسى بۇزاق يېزىسى باسىيا كەنتىدىكى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە بالىلار خۇشال-خۇرام ھالدا سۇ ئوينىماقتا.
7-ئاينىڭ 14-كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ بۇزاق يېزىسى باسيا كەنتىدىكى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى خۇشال-خۇرام ھالدا سۇ ئويناۋاتقان بالىلار بىلەن تولغانىدى، كەنت ئاھالىسى ئاينۇر خېلىل بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ، خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ھەمىشە بالىلىرىمىزنىڭ ئوغرىلىقچە دەريا بويلىرىغا بېرىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيتتۇق، ھازىر كەنتتە سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بار بولدى، بالىلىرىمىز ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىلا بىخەتەر سۇ ئوينىيالايدىغان بولدى، بىز ئاخىرى خاتىرجەم بولدۇق.» كەنت ئاھالە كومىتېتى باش بولۇپ ياسىغان بۇ قولايلىق سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بالىلارنىڭ يازدىكى شادلىق باغچىسى بولۇپلا قالماي، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش «بىخەتەرلىك تورى»نى مەنبەدىن چىڭ توقۇغانىدى.
«ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتىن يەتتىگىچە ئېچىۋېتىلىدۇ، كەنت كادىرلىرى ۋە پىدائىيلار نۆۋەتلىشىپ دىجۇرنىلىق قىلىدۇ» دېدى بۇ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئابدۇلھېكىم قادىر تونۇشتۇرۇپ. سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە ئويناۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى نەسرۇللا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يەرنىڭ سۈيى پاكىز، يەنە قارايدىغان ئادەم بار، ھازىر مەن دوستلىرىم بىلەن دەريا بويىغا بارمايمەن».

تەۋەككۈل يېزىسى بىكار تۇرغان بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ «سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېھىر-شەپقەت سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى» قۇردى.
تەۋەككۈل يېزىسىنىڭ ھەرقايسى كەنتلىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان دەريا يوللىرىغا سۇغىرىشقا قولايلىق بولۇش بىلەن بىللە، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش خەۋپىمۇ يوشۇرۇنغانىدى. كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، بىكار تۇرغان بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ «سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېھىر-شەپقەت سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى» قۇرۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئېچىۋەتتى. پىدائىيلار پۈتۈن جەرياندا نۆۋەتچىلىك قىلىپ، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش، مۇھىتنى تازىلاش، سۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەسۇل بولدى، يەنە «بىخەتەر سۇ ئۈزۈش كىچىك دەرسخانىسى» تەسىس قىلىپ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇردى. بالىلار ھاياجانلانغان ھالدا: «ئاخىرى بىخەتەر سۇ ئوينايدىغان بولدۇق» دېيىشتى.

بەيخې بازىرى گۈزەل كەنتىدىكى يەل قاچىلانغان كۆك رەڭلىك سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بالىلارنىڭ سالقىنداش باغچىسى بولۇپ قالدى.
بەيخې بازىرى گۈزەل كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىنى بىخەتەر سۇ ئويناش نۇقتىسىغا ئۆزگەرتتى، چوڭقۇرلۇقى 40 سانتىمېتىر كېلىدىغان، يەل قاچىلانغان كۆك رەڭلىك ئىككى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بالىلارنىڭ سالقىنداش باغچىسىغا ئايلاندى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتئېلى ئىمىن كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ نۆۋەتلىشىپ نۆۋەتچىلىك قىلىپ، «ئۈچكە چەك قويۇش باشقۇرۇش چارىسى»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ۋاقتى، ئادەم سانىغا چەك قويۇپ، كەنت بويىدىكى ئۆستەڭلەرگە بېرىپ سۇدا تۇنجۇقۇش يوشۇرۇن خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتتى. كەنت ئاھالىسى پاتىگۈل ھاياجانلانغان ھالدا: «ئىشىكىمىز ئالدىدىلا بىخەتەر سۇ ئوينايدىغان جاي بار بولدى، بۇنىڭدىن بالىلار خۇشال، بىز بەك خاتىرجەم بولدۇق» دېدى.

يېڭىئېرىق يېزىسى باشقوغاچ كەنتىدىكى «بىخەتەر سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى».
يېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ باشقوغاچ كەنتى يەل قاچىلانغان سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى سېتىۋېلىش، سۇ مەنبەسى ھازىرلاش، مەيدان ئۆزگەرتىشنى ئۈچ كۈندىلا تاماملاپ، «بىخەتەر سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى»نى قۇرۇپ چىقتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت كادىرلىرى بىلەن «بىخەتەرلىك باشقۇرغۇچى» كوللېكتىپ تەشكىللەپ، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن نۆۋەتچىلىك قىلىپ، بەدەن قىزىتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە خەۋپ-خەتەرنى نازارەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەريا يوللىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى. بۇ كەنت يەنە «سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى + دەريا چارلاش» قوش ئۆلچەم مېخانىزمى ۋە «بىخەتەرلىك جۇغلانما نومۇرى» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئورتاق قوغداشقا قاتنىشىشقا كەنت ئاھالىلىرىنىمۇ ئىلھاملاندۇردى. كەنت ئاھالىسى ئايگۈل مۇنداق دېدى: «كادىرلار بالىلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىزدىنمۇ بەك دىققەت قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ، كەنتنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت.»
«خوتەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
(خوتەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى خەن لى، پىراكتىكانت مۇخبىر لى يۈچىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شى جاۋياڭ، ئابدۇئەخەت، جيا كېكې، ئىلغار)






