ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلنى تىنچ-ئامان، خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «2025-يىللىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يازلىق تەتىللىك بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى:
● ھەرقايسى جايلار تۈرلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، بولۇپمۇ تور يېڭى تاراتقۇلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنىڭ يۈزبېرىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشنى ئەسكەرتىشى كېرەك.
● مەكتەپلەرنىڭ يازلىق تەتىل كۆزنەك مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، مەكتەپتىكى نۇقتىلىق مەيدان-سورۇن ۋە نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تۈزىتىشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
● «مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئاساسىي مائارىپنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئۆستۈرۈش يىلى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەرس ئۆتۈش، دەرس تولۇقلاش، مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇش باشلاش، دەم ئېلىشنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىقلار قايتا-قايتا چەكلىسىمۇ يەنە تۈگىمەسلىك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش يۈكىنىڭ زىيادە ئېغىر بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مەسىلىسىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.
● يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ «مەكتەپ تامىقى»، ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرىغا مۇشتەرى قوبۇل قىلىش ۋە مەكتەپ فورمىسىنى تاللاپ سېتىۋېلىش بويىچە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى «قايتا تەكشۈرۈش»نى قانات يايدۇرۇپ، ئالدىنقى مەۋسۇمدىكى تۈزەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، ئەسلەپ ۋە خۇلاسىلەپ، مۇشۇ ئاساستا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى خىزمىتىنى ياخشى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار كوچا (مەھەللە) ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، يازلىق تەتىلدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان تۈرلۈك ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارغا يازلىق تەتىلدە «قاراش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش كېرەك. ئاتا-ئانىلارنى تۈرلۈك يازلىق لاگېر، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش، ساياھەت خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرىغا ئاقىلانە قاراش، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاشقا يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش ۋەقەلىرى يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلىش، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يازلىق تەتىللىك تاپشۇرۇق ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق كونتىرول قىلىپ، تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇپ، يان تېلېفون ئارقىلىق تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنى يان تېلېفون ئارقىلىق تاپشۇرۇق تاپشۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى ئاتا-ئانىلاردىن تاپشۇرۇقنى تەكشۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى قەتئىي توسۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىيادە ئېغىر دەرس يۈكىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىش كېرەك.
ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن خىزمەت ۋە مەسئۇلىيەتنى مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا يۈكلەشتىن ساقلىنىش، ئوقۇتقۇچىلارنى دەريا چارلاش، ئورمان ئاسراش، كوچىغا چىقىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، قاتناشنى ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرماسلىق، مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاش، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، كۆپ قېتىم داكا قىلىش قاتارلىق شەكىلۋازلىق ئۇسۇللىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشىدىن ساقلىنىش، كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلنى تىنچ-ئامان، ساغلام، خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
«خەلق گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






