ماشىنىلار گۈركىرەپ، ھەر بىر تال دان ئامبارغا كىردى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش جاۋاب قەغىزى تولۇق ئىشەنچكە تولغانىدى. يېقىندا، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2025-يىللىق يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى، دەسلەپكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، بىڭتۇەننىڭ يازلىق ئاشلىق كۆلىمى 3 مىليون 9000 مو بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 207 مىڭ مو ئاشقان؛ بىرلىك ھوسۇل 482.9 كىلوگىرامغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان، مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلىنىڭ 1.3 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.2 كىلوگرام/مو ئاشقان؛ ئومۇمىي ھوسۇل 2 مىليارد 910 مىليون جىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 260 مىليون جىڭ ئېشىپ، ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 3-ئورۇندا تۇرغان. بۇ بىڭتۇەننىڭ يازلىق ئاشلىقتىن ئۇدا ئۈچ يىل كۆلەم، بىرلىك ھوسۇل، ئومۇمىي ھوسۇلدا «ئۈچ ئېشىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى.

6-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پەنلەر ئاكادېمىيەسى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، 1-شى 7-تۇەن يولغا قويغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۈزگى بۇغداي + ئېڭىز قونىقىدىن تەكشى، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە «ئىككى توننىلىق ئاشلىق ئېتىزى» ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان كۈزگى بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا ئەمەلىي ئېلىنغان ھوسۇلنى ئۆلچىدى، بىرلىك ھوسۇل 811.49 كىلوگرامغا يەتتى. خۇەي جېنجيې فوتوسى
مۇخبىرنىڭ بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھەرقايسى شى، شەھەرلەر دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزمەي، يازلىق ئاشلىق يىغىمىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتقان، 7-ئاينىڭ 14ـكۈنىگىچە، بىڭتۇەننىڭ يازلىق ئاشلىق يىغىۋېلىش كۆلىمى 2 مىليون 50 مىڭ مودىن ئېشىپ، سۈرئەت %60تىن ئاشقان.

1-شى 7-تۇەن كۈزگى بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى. خۇەي جېنجيې فوتوسى
«بىڭتۇەن ئاخبارات تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






