تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تويغۇدەك تاماق يېيەلمەسلىكتىن پۈتۈن مەملىكەتنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكىچە

■ئىستون سۆزى

بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، رەقەم ئەڭ ياخشى كۆزىتىش كۆزنىكى. بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى «70 يىل، رەقەمدىكى شىنجاڭ» سەھىپىسى تەسىس قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە سانلىق مەلۇماتلارنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پۇقرالارنىڭ كۆرۈش بۇلۇڭى ئارقىلىق ئادەم ۋە ئىشلارنى كۆرگىلى بولىدىغان، ھېس قىلغىلى ۋە بىلگىلى بولىدىغان ئۇسۇل بىلەن، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى، ھاسىل قىلىنغان غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

بۇ نەچچە كۈندە، بۇغداينىڭ ئارقا - ئارقىدىن پىشىشىغا ئەگىشىپ، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجېگوۋ بازىرى ياۋزەنزە كەنتى قىزىپ كەتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇغداي يىغىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ جاينىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، جامبۇلاقنىڭ «بۇغدايلارنى تاغقا ياماشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ماھارىتىنى كۆردى، كەنتتىكى بۇغداي مۇزېيىغا كىرىپ، بۇغداينىڭ بۇ جاي بىلەن بولغان ئۈزۈلمەس رىشتىنى ئىگىلىدى.

ياۋزەنزە كەنتى شىمالىي كەڭلىك 43 گىرادۇسقا جايلاشقان بولۇپ، ھەممە ئېتىراپ قىلغان ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش رايونى. مۇشۇ يىللاردا، «ياۋزەنزە» ئۇنى تامىقى يېيىشلىك بولۇش، بۇغداي ھىدى تارىلىپ تۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۆلەت ئىچىدە نۇرغۇن «مەستانە» توپلاپ، تۈركۈم - تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى كەنتكە كېلىپ داكا قىلىپ سەيلە قىلىشقا جەلپ قىلدى.

ياۋزەنزە كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تاڭ پېيكې مۇشۇ كەنتتە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدى، 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرى كەنت كادىرى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يەر يەنىلا شۇ يەر، ئادەملەر يەنىلا شۇ ئادەملەر، مۇشۇ يىللاردا «ياۋزەنزە» ئۇنىنىڭ بارغانسېرى ياخشى تەرەققىي قىلىشى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولدى، بۇ، كۆپچىلىكنى ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان قىلدى، ئۈمىد بېغىشلىدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى ئاران 1 مىليون 100 مىڭ توننا بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق 200 كىلوگىرامغىمۇ يەتمەيتتى، بۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى بېكىتكەن 280 كىلوگىراملىق كىيىنىش، تويۇنۇش سىزىقىدىن تۆۋەن ئىدى، 400 كىلوگىراملىق بىخەتەرلىك سىزىقىدىن خېلىلا يىراق ئىدى. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن، دۇچ كەلگەن ئەڭ قىيىن مەسىلە يەنىلا ئاشلىق مەسىلىسى بولۇپ، پۇل بولغان تەقدىردىمۇ ئاشلىق سېتىۋالغىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايوندىن يىراق، توشۇش ئارىلىقى يىراق، يۆتكەپ توشۇش قىيىن بولغاچقا، «يۆتكەپ كېلىنگەن ئاشلىق»نى يېيىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى.

ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، ماۋ جۇشىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، 1950 - يىلى 1 - ئايدا چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بۇيرۇقىنى چىقاردى، بىر مەيدان مىسلىسىز جاپالىق بولغان ئارمىيە چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى، شىنجاڭمۇ شۇنىڭ بىلەن يېرىم ئەسىر ھالقىغان ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش يولىنى ئاچتى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئاتلانغانلىق ناخشىسى تارىخنىڭ زامان - ماكان بوشلۇقىدا ياڭرىدى، ئەمما ياۋزەنزە كەنتى بۇغداي مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان ياغاچ ساپان، ئۇرۇق سېلىش چانىقى قاتارلىق كونا شەكىلدىكى دېھقانچىلىق سايمانلىرى ئارقىلىق يەنە شىنجاڭلىقلارنىڭ قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاپالىق تىرىشچانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

«1984 - يىلى كەنتتە مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە بېرىش يولغا قويۇلدى، بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇلى ھەسسىلەپ ئېشىپ، 300 كىلوگىراملىق سەۋىيەگە يەتتى.» تاڭ پېيكېنىڭ تەسىراتىدا، بۇ، ياۋزەنزە بۇغداي كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىدى. مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە بېرىش ئارقىلىق، «داش قازان تامىقى» تۈزۈلمىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقى قوزغىتىلدى، كۆپچىلىك ئامال قىلىپ سۇغىرىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوزۇقلۇق ئاشلىق مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلدى، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي شارائىتىنى ياراتتى.

2009 - يىلى 2 - قېتىملىق ئۇچقاندەك ئۆرلەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولدى. ياۋزەنزە كەنتى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، كەنتتىكى 35 مىڭ مو يەرنى تەدرىجىي ئوبوروت قىلىپ تىجارەت قىلىپ، بىرتۇتاش باشقۇرۇپ، دېھقانلارنى يەر ئوبوروتى پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە مەسئۇل بولدى. يەر مەركەزلەشتۈرۈلدى، كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى تېز ئومۇملاشتى، پۈتۈن كەنتنىڭ بۇغداي بىرلىك ھوسۇلى 600 كىلوگىراملىق سەۋىيەگە يېتىپ، مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە بەرگەن چاغدىكىدىن يەنە بىر ھەسسە قاتلاندى.

قورساق تويغۇزۇش ئەمدى مەسىلە ئەمەس، قانداق قىلىپ بۇغداي بايلىقىدىن پايدىلىنىپ كەسىپ تەرەققىياتىغا تايىنىپ كىرىمنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالدى. 2017 - يىلى، ياۋزەنزە كەنتى كەنت ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاساسىدا شىركەت قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى سىناق قىلىپ، «ئېتىز بېشىدىن تاماق ئۈستىلىگىچە» بولغان مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.

بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، «ياۋزەنزە» ماركىسىدىكى ئورگانىك ئۇن، قولدا تارتىلغان لەڭمەن چۆپى، يېمەكلىك ياغ، قارا ئاشلىق قاتارلىق نەچچە ئون خىل ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازاردىكى نامى بارغانسېرى تونۇلدى، ياۋزەنزە كەنتىنىڭ يەر ئوبوروتى تىجارىتىمۇ شۇ كەنتتىن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارغا كېڭەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت چوڭقۇر تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى ۋە جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا يېقىن بولۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بۇغداي مۇزېيى، رەڭدار گۈل دېڭىزى باغچىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم خاس مەنزىرە نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى ۋاسىتە قىلغان، ئىستىراھەت، ساياھەت، سەيلە قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ماڭدى. 2024 - يىلى، ياۋزەنزە كەنتىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ 600 يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى.

تارىخنىڭ ئۆلچىمىدە، ياۋزەنزە كەنتىنىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ ئاشلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئاشلىقنى تۇتۇش تىرىشچانلىقى بىلەن ماس قەدەمدە بولدى. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى مۇقىم ئاشتى. 1986 - يىلى ئومۇمىي ھوسۇل 5 مىليون توننىدىن ئاشتى، 2009 - يىلى 10 مىليون توننىدىن ئاشتى، 2023 - يىلى 20 مىليون توننىدىن ئاشتى. 2024 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ھوسۇلى 23 مىليون 302 مىڭ توننا، تېرىلغۇ كۆلىمى 44 مىليون 400 مىڭ مو بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەملىكەت بويىچە 13 - ئورۇندا، 17 - ئورۇندا تۇردى، بۇ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا «13 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكىدىن ئىككى ئورۇن، ئۈچ ئورۇن ئۆرلەپ، ئاشلىق ھوسۇلى ئۇدا يەتتە يىل ئاشتى. پۈتۈن يىلدا ئاشلىقنىڭ مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى 524.8 كىلوگىرام بولۇپ، تارىختا تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. 2022 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ساپ يۆتكەپ چىقىرىش مىقدارى جەمئىي 14 مىليون 170 مىڭ توننىغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ساپ يۆتكەپ چىقىرىدىغان يەتتە ئۆلكىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئادەم كۈچىدىن ماشىنىلىشىشقىچە، ئاندىن ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشقىچە بولغان ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، چۆل - جەزىرىلەردىن غەربىي قىسىمدىكى ئاشلىق ئامبىرىغا ئايلىنىشتەك كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش تاماملاندى.

2022 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئاشلىق خىزمىتى فاڭجېنىنى «ئاپتونوم رايون ئىچىدە تەڭپۇڭ بولۇش، بىر ئاز ئېشىنچا بولۇش»نى «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش»كە تەڭشىدى. سىياسەتتىكى بۇ بۇرۇلۇش يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق خىزمىتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ئۆزىنى تويۇندۇرۇش»تىن، تېخىمۇ مۇھىمى «دۆلەتنى تەمىنلەش»كە ئۆزگەردى.

«مەن بۇ يىل دەل 60 ياشقا كىردىم، ياۋزەنزىنىڭ كېيىنكى كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ياشلارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، ئۇلارغا ئىشەنچىم بار» دېدى تاڭ پېيكې.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.