7-ئاينىڭ 14-كۈنى، 2025-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى سىستېمىسى بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقى، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىقى، ئوقۇتۇش مۇلازىمىتى كەسپى ھەم ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى سىستېمىسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجە بويىچە ئۇنۋان باھالاش يىغىنى ئېچىلدى، بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2025-يىللىق ئۇنۋان باھالاش خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
بۇ يىللىق ئۇنۋان باھالاش ئىنژىنىرلىق، يېزا ئىگىلىكى، ھۈنەر-سەنئەت، ئاخبارات، ئارخىپ، سەنئەت، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ(يەسلى) ئوقۇتقۇچىلىقى قاتارلىق جەمئىي 20 نەچچە سىستېما(كەسىپ)غا چېتىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى باھالاشتا، ئۈرۈمچى شەھىرى باھالاش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇردى. ئىلتىماس قىلىش دائىرىسى جەھەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كەسپىي تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەركىن كەسىپتىكىلەر ھەمدە باشقا جايلاردىكى پۇقراۋى كارخانىلاردىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇرۇشقا ئەۋەتىلىپ كەسپىي تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى باھالاشقا قاتناشسا بولىدۇ.
ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى جەھەتتە، ھەر قايسى ساھەلەردە ئىشلەۋاتقان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئالاھىدىلىكى تولۇق كۆزدە تۇتۇلۇپ، ۋاقىت بۆلىكىگە ئايرىپ ئىلتىماس قىلىش ئەندىزىسى قوللىنىلدى، بۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تەييارلاشقا يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتە، بۇ قېتىم ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىدە توردا ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، شىنجاڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى باشقۇرۇش سۇپىسى−ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۇنۋان باھالاش سىستېمىسى(https://wlmq.xjzcsq.com)دا قانات يايدۇرۇلدى ھەم توردا ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈش، ئېلان قىلىش يولغا قويۇلۇپ، ماتېرىيال يوللاش بېسىمى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىلدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بۇ قېتىمقى ئۇنۋان باھالاشنى پۇرسەت بىلىپ، سىجىل تۈردە باھالاش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى پۈتكۈل جەريانغا سىڭدۈرۈپ، سىياسەت تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، باھالاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىغا ئۇنۋان باھالاشنىڭ ئادىللىقى، قولايلىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدۇ.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






