

تاشقى ئالەم بوشلۇقى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق زېمىنى، بوشلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئىشى. ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا باشتىن-ئاخىر باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ پايدىلىنىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلدى، «چاڭئې» ھەم جۇڭگونىڭ، ھەم پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەۋە بولۇپ، خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلەپ، يەرشارىۋى ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش، ئىزدىنىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو كۈچىنى قوشتى.
— 2024-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، شى جىنپىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 6-نومۇر ۋەزىپىسىنى تەتقىق قىلىشقا، سىناق قىلىشقا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىپ مۇشۇنداق كۆرسەتتى






