
ساۋما قىلىپ مەخسۇس تېمىنى كۆرۈڭ
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ بېي
گۇما ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىدىن جەنۇبقا قاراپ يۈز نەچچە كىلومېتىر مېڭىپ، تاغ يولىنى بويلاپ ئەگىپ يۇقىرىغا چىقىپ، بىر ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسىدىن يەنە ئەگىپ ئايلىنىپ تۆۋەنگە چۈشكەندىن كېيىن، كۆز ئالدىمىز بىردىنلا يورۇپ، تاغ ئېتىكىدىكى ياپيېشىل دەل - دەرەخلەر، تۇتاش كەتكەن ئۆيلەرنى كۆردۇق، كەڭقىر قىرغىز يېزىسى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى.
7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، «چېگرانى بويلاپ تۈمەن چاقىرىملىق سەپەر قىلىش − ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتى» جەنۇبىي شىنجاڭ گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى گۇما ناھىيەسىگە كېلىپ، ساڭجۇ قەدىمىي يولى جايلاشقان يۆنىلىشنى بويلاپ، كەڭقىر قىرغىز يېزىسى كەڭقىر كەنتىگە كىرىپ، قەھرىمانلىق ئېپوسى «ماناس»تىن ئارىيە ئېيتىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئون نەچچە ئورۇنلىغۇچى ئىچىدە 76 ياشلىق تۇرسۇن ئىبراھىم، 35 ياشلىق پاتىگۈل مەمەت، يەنە ئالتە يېرىم ياشلىق زۇلپىقار يۇنۇس بار بولۇپ، كۆپچىلىك بەزىدە ياڭراق، بەزىدە چوڭقۇر ھېسسىياتلىق قىلىپ ئورۇنلاپ، قەھرىمانلىق ئېپوسىنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.
«مەن بىر ئۆمۈر <ماناس> ئېيتىپ كەلگەن بولساممۇ، لېكىن بىر قېتىم باشقىلارنىڭ ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ياش ئالدىم.» تۇرسۇننىڭ تىلغا ئالغىنى مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2024 - يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»دە ئورۇنلانغان «ماناس»تىن ئارىيە ئىدى. بوۋاي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرغانىدۇق، نومۇرلار ئىچىدە ماناسچى ماناس ئېيتىشقا باشلىشى بىلەنلا، ھاياجانلانغانلىقىمدىن كۆزۈمگە ياش ئالدىم: «بۇ نومۇرنى كۆرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىرغىز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىگە نەقەدەر ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدىم، چۈنكى مۇشۇنداق چوڭ سەھنىدە ئورۇنلانسا، پۈتۈن دۇنيادىكىلەر كۆرەلەيدۇ.» ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلىگىنىدە، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن ئۆزى سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويغاندىنمۇ بەكرەك پەخىرلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.
يېزىدىكى خىزمەت ئىستاژى ئەڭ ئۇزاق، «ماناس»نىڭ مەزمۇنىنى ئەڭ كۆپ ئىگىلىگەن پېشقەدەم ئۇستاز بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۇرسۇن كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار تەشكىللىگەن خەلق ئىچى سەنئەتكارلىرىنى مەخسۇس تەربىيەلەشكە قاتناشتى، بۇ يىل تەكلىپنى تاپشۇرۇۋېلىپ، يېزىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇن قويۇش ئەترىتىنىڭ «سەنئەت يېتەكچىسى»لىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ بىرنەچچە شاگىرت يېتەكلىگەنىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئويۇن قويۇش ئەترىتىدىكى مەمنۇن بولىدىغان شاگىرتلىرىنىڭ بىرى پاتىگۈل مەمەت ئىدى. «ئۇستازىمغا ئەگىشىپ ئۈچ يىل ئۆگىنىپ، <ماناس>قا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى ھېس قىلدىم.» پاتىگۈل ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەسلىدىكى <ماناس> ئورۇنلايدىغان پېشقەدەم ئۇستازلار بارغانسېرى ياشىنىپ قالدى، بىز ياشلارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ».
بۇلتۇر 11 - ئايدىن 12 - ئايغىچە يېزا تەشكىللىگەن ئويۇن قويۇش ئەترىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا - بازارلىرىغا بېرىپ ئالماشتۇرۇش ئويۇنى قويدى، قوشتاغ بازىرىدا ئويۇن قويغان ۋاقتى دەل شۇ جاينىڭ بازار كۈنىگە توغرا كەلدى، جاراڭلىق ئېيتىلىۋاتقان «ماناس»، قىرغىز مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى ناخشا - ئۇسسۇللىرى كېلىپ - كېتىپ تۇرغان ئاممىنى جەلپ قىلدى، يۇرتداشلارنىڭ تەنتەنىلىرى ۋە ئالقىش سادالىرى ئويۇن قويۇش ئەترىتىدىكىلەرگە زور ئىلھام بولدى. ئويۇن باشلانغاندىن ئاخىرلاشقىچە، سەھنىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئامما بەس - بەستە سەھنىگە چىقىپ، ئويۇن قويۇش ئەترىتىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينىدى، سەھنە شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى. «مەخسۇس تەييارلىق قىلغان يىغىلىشلاردىنمۇ بەكرەك قىزىدى»، پاتىگۈل كۈلۈمسىرىگىنىچە ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «شۇ دەقىقىدە ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشنىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، بۇنىڭدىن كېيىن بىز ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردە تېخىمۇ كۆپ ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىمىز».
ئويۇن قويۇش ئەترىتى 2023 - يىلى تەشكىللەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قويۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىدىن پائالىيەتنىڭ خىراجەت جەھەتتە قوللاشقا ئېرىشىشىگىچە، تۈرلۈك خىزمەتلەر تەدرىجىي ئىزغا چۈشتى. بۇلتۇردىن باشلاپ، ئەنخۇينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەخسۇس مەبلىغى كاپالىتى بولغاچقا، ئويۇن قويۇش ئەترىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسى، ئاتۇش شەھىرىگە بېرىپ ئالماشتۇرۇش ئويۇنى قويدى، ئادەتتە ئەترەت ئەزالىرى ھەربىر مەيدان ئويۇن قويغاندا 80 يۈەندىن 120 يۈەنگىچە ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدۇ، بۇ ئۇلارنى دېھقانچىلىق قىلىش، چېگرانى قوغداش بىلەن بىللە، غەمسىز ھالدا رېپېتىتسىيە ۋە ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسىرى بولغان ماناس ئېپوسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداش نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلدى. كەڭقىر قىرغىز يېزىسىدىن ئىبارەت بۇ كونكرېت ئۈلگىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «ماناس»تىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەت گۆھىرى مۇقەررەر تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ۋە رەڭدارلىققا ئىگە بولىدۇ.






