تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىگىلەيلى

​− 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇلۇپ، نەتىجىلەر خۇلاسىلەندى، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر پىلانلاندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى بوشاشماي تىرىشىپ ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم رېئال يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قېتىمقى يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ھازىرقى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنىڭ ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، بالدۇرراق ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ۋەزىيەتكە قاراپ پىلان تۈزگەندىلا، ئاندىن پىلان بويىچە ھەرىكەتلەنگىلى بولىدۇ؛ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرگەندىلا، ئاندىن زور نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈللەشتى. شىنجاڭ خىزمىتى يۈزلەنگەن يېڭى ۋەزىيەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز پەقەت شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلىسەكلا، ئاندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇھىم تارىخىي پۇرسىتىنى مەھكەم تۇتۇپ، باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئېھتىياجى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنىڭ تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيمىز.

ۋەزىيەت ۋەزىپىنى بەلگىلەيدۇ. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق يېڭى ئېھتىياجى ئالدىدا، بىز ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ۋەزىيەت ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇملۇقىغا قويۇپ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پائال شارائىت ھازىرلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش، كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئەمەلىي تۇتۇشقا پايدىلىق بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق بولۇش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئاندىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش دۇمباق رىتىمىغا ماسلىشىپ قەدەم ئېلىپ، كېيىنكى مەيدان ھوسۇل ئېلىشقا ئاتلانغىلى بولىدۇ.

ھەرقانداق ئىشنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسى بولىدۇ، ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى تۇتقاندا ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپ ئالدىدا، يەنە جەزمەن ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بوشاشماي تىرىشىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭدا يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشتا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭدا يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ بۆسۈش ھاسىل قىلغاندىلا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ يېڭى سەھىپە پۈتۈش. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ماھىيەتلىك ئورنى، تۈپ نىشانى ۋە كۈچەش يۆنىلىشىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ دەل جايىدا كۈچەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە ئالاقىدار تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.