تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

بوشاشماي تىرىشىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيلى

□شىنجاڭ گېزىتى باش ماقالىسى

قەلبداش بولۇپ ئايدەك نۇر چېچىپ تىيانشاننى يورۇتۇش، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ مېھىر - مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.

ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ، نەتىجىلەر خۇلاسىلەندى، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، كېيىنكى قەدەمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ۋەزىپىلىرى پىلانلاندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىنى تولۇق نامايان قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، كۈچلۈك ئىلھام ئېلىپ، ھەسسىلەپ روھلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يەنە يېڭى مۇساپىسىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يەنە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە ئالاقىدار تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىن قەلب، پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۇلۇغ مۇھەببىتىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

چوڭقۇر دوستلۇق ئىنتايىن مۇستەھكەم بولۇپ، چېگرا رايوننى ئوزۇقلاندۇرۇپ يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدىن پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭ بىلەن ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە سالماقنى زورايتىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىرىكمە كۈچنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى.

مىڭ گەز ئېگىزلىكتىكى دەرەخمۇ يىلتىزىدىن ئايرىلالمايدۇ، تۈمەن چاقىرىملىق دەريانىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ. نەتىجىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، شۇنداقلا مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، بولۇپمۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار يۇرتى بىلەن خوشلىشىپ، يىراقتىكى شىنجاڭغا كېلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئۆزىنى بېغىشلاش ناخشىلىرىنى پۈتۈپ، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتەك دۆلەت مۇھەببىتى، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشتەك يۈكسەك مەنزىلى، شىنجاڭغا شەرەپ كەلتۈرۈشتەك ئارمانسىز تاللىشىنى نامايان قىلدى. قان بىلەن گۆشتەك بۇ چوڭقۇر دوستلۇقتىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مەڭگۈ چىن قەلبىدىن مىننەتدار بولىدۇ، ئەستە چىڭ ساقلايدۇ ھەم ئۇنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى مۇستەھكەم قەدىمىگە ئايلاندۇرىدۇ.

دېڭىزدەك چوڭقۇر ھېسسىيات خەلق قەلبى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملىدى؛ تاغ كەبى زور ئۈمىد جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى. بۇ قېتىمقى يىغىندا بوشاشماي تىرىشىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىز شىنجاڭ خىزمىتى يۈزلەنگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېھتىياجى، ئارزۇسى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەدىتى، ياردىمىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈلۈشى، شەھەر - بازارلاشتۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشتا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئۇلۇغ ئىش. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت مۇھىم تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقى ۋە كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلققە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تېخىمۇ قالتىس بولغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.