تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​1 مىليارد كىلوۋات سائەت شىنجاڭ توكى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈلدى

يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان يازلىق توك بىلەن تەمىنلەش بېسىمى پەسەيتىلدى

​1 مىليارد كىلوۋات سائەت شىنجاڭ توكى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ياز كىرگەندىن بۇيان، چۇڭچىڭنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ تېز ئاشقان. قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قومۇل − چۇڭچىڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» دېيىلدى) 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، سىرتقا يەتكۈزۈش بويىچە جەمئىي 1 مىليارد كىلوۋات سائەت توك چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈلۈپ، چۇڭچىڭنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان يازلىق توك بىلەن تەمىنلەش بېسىمى ئۈنۈملۈك پەسەيتىلگەن.

1 مىليارد كىلوۋات سائەت توك مىقدارى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ مۆلچەرىي ھېسابلىغاندا، بۇ توك مىقدارى چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى پۈتۈن شەھەر ئائىلىلىرىنىڭ تەخمىنەن 42.9 كۈنلۈك توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، تاغلىق شەھەردىكى 1 مىليون 110 مىڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ بۇ يازدا ھاۋا تەڭشىگۈچنى بىمالال ئىشلىتىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن؛ چۇڭچىڭ مېتروسىنىڭ ھەر كۈنى 1000 قېتىملىق قاتناش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلغىلى ھەمدە ئۇدا 1100 كۈن يۈرۈشتۈرگىلى بولىدىكەن؛ يەنە بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 100 دەرسخانىسىدىكى توك ئىشلىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ 1250 يىل مۇقىم يۈرۈشۈشىنى قوللىغىلى بولىدىكەن.

«ئىلگىرى، توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، بىز ھەمىشە توك بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئەندىشە قىلاتتۇق. شىنجاڭ توكى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، كارخانىلارنى توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئىشەنچلىكلىكى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بىز ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدۇق» دېدى چۇڭچىڭ ياۋيوۋ دورا ياساش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەركىزى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ سېخىنىڭ مۇدىرى چىن كەي.

مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا قومۇل - چۇڭچىڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر يىلى 36 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چۇڭچىڭ ئېلېكتىر تورىغا يەتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ شەھەرنىڭ يىللىق توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ بەشتىن بىرىگە باراۋەر ئىكەن.

قومۇل - چۇڭچىڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئاسراش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، مۇكەممەل بولغان كۆزىتىپ ئۆلچەپ ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمى ئورناتتى. ئۈسكۈنىلەرنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىش، يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش تەدبىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوشۇنىنى تەربىيەلەش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئېلېكتىر تورى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ سىجىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

نۆۋەتتە، قومۇل - چۇڭچىڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇۋۋىتى 4 مىليون كىلوۋاتقا يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.