− يولداش شى جىنپىڭ تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلغان «1985 - يىلىدىن 2000 - يىلىغىچە بولغان شيامېننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسى» ئىلھامى
ھەرقانداق ئۇلۇغ نەزەرىيەدىن ئىدىيە ۋە ئەمەلىيەتنىڭ مەنبەسىنى تاپقىلى بولىدۇ.
40 يىل ئىلگىرى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ شيامېنغا بېرىپ خىزمەت قىلىپ، «دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە قاتناشتى، شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشنى تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە باشتىن كەچۈردى».
ئەينى يىلى، يولداش شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە تۈزۈلگەن «1985 - يىلىدىن 2000 - يىلىغىچە بولغان شيامېننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسى»دە، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بىلەن شيامېننىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىيات يولى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، جۇڭگودىكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئەڭ دەسلەپ تۈزگەن، 15 يىل ھالقىغان ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى بولۇپ قالغان.
بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش زور دولقۇنى مەۋج ئۇردى، «دېڭىز شامىلى، دېڭىز دولقۇنى ئىلگىرىكىدەكلا بولسىمۇ، ئەمما شيامېننىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلاندى»، يېڭى دەۋرنىڭ ھەيۋەتلىك شەرق شامىلىغا تايىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى.
يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنى «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈشكە يېتەكلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.
بىر شەھەرنىڭ گۈللىنىشىدىن بىر دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىنىشىغىچە، يەرلىكنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدىن دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىغىچە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، ۋاقىت ئىدىيە تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك تومۇرىغا گۇۋاھ بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ يارقىن داستانىنى پۈتۈپ چىقتى.
(1) ئۇزاق كەلگۈسىدىن ئويلىشىپ، ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش پىلانلاش
«بىز زامانىۋىلاشقان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن شۇغۇللىنىشتا، ئۇزاق كەلگۈسىدىن ئويلىشىشىمىز، ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش پىلانلىشىمىز كېرەك، كۆز ئالدىمىزنىلا كۆرۈپ، بىر ئىشقا يولۇققاندا ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتسەك بولمايدۇ، ئۇنداق قىلغاندا ئاز ئىشقا كۆپ كۈچ سەرپ بولۇپ كېتىدۇ، ھەتتا نىشاندىن ئادىشىپ قېلىپ، ئومۇملۇق تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىيەلمەيمىز».
2024 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شيامېنغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.
ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىدە، كۆك مۇقاۋىلىق، 300 نەچچە بەتلىك قېلىن بىر پارچە «1985 - يىلىدىن 2000 - يىلىغىچە بولغان شيامېننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسى» باش شۇجىنىڭ نەزەرىنى تارتتى. تەپسىلىي ۋاراقلاپ كۆردى، ئۆتكەن ئىشلار قەلبىنى لەرزىگە سالدى، بىر - بىرلەپ ئەسلەپ چىقتى، باش شۇجى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز بۇ جايدا ئىگىلىك تىكلەشكە قاتناشتۇق، بۈگۈنكى تەرەققىيات ئەينى چاغدىكى ئويلىغىنىمىزدىنمۇ ياخشى بولدى».
ئۇ ۋاقىت 1985 - يىلى ئىدى، گوۋۇيۈەن شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ دائىرىسىنى ئىلگىرىكى 2.5 كىۋادرات كىلومېتىردىن پۈتۈن ئارالدىكى 131 كىۋادرات كىلومېتىرغا كېڭەيتىشنى تەستىقلاپ، ئەركىن پورتقا دائىر بەزى سىياسەتلەرنى تەدرىجىي يولغا قويدى.
شيامېننىڭ تەرەققىياتى مۇھىم تارىخىي پەيتكە يېتىپ كەلدى. يەنە دەل شۇ يىلى يازدا، يولداش شى جىنپىڭ خېبېي جېڭدىڭدىن جەنۇبقا يۆتكىلىپ، شيامېن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولدى.
ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى شيامېنغا نىسبەتەن، ئەركىن پورتنى قانداق قۇرۇش كېرەك؟ خادىملار قانداق قىلىپ ئەركىن كىرىپ چىقالايدۇ؟ پۇل مۇئامىلە، پۇل سىياسىتى قانداق بولىدۇ؟ دۆلەت ئىچىدە ئاساسلىنىدىغان تەجرىبە يوق، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىدە سان يوق ئىدى.
بەزىلەر قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇپ، سىنگاپور ياكى شياڭگاڭنىڭ ئەندىزىسىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كەلسەكلا، شيامېن ناھايىتى تېزلا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشنى كۈتۈۋالىدۇ، دەپ ئويلىدى. يەنە بەزى ئۈمىدسىز سەپسەتىلەردە شيامېننىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېڭىز مۇداپىئە ۋەزىپىسى ئېغىر، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشى تەس، دەپ قارىدى.
قانداق قىلغاندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەقسىتىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالاھىدە رايوننى «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ»؟ يولداش شى جىنپىڭ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سالماقلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«بىز زامانىۋىلاشقان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن شۇغۇللىنىشتا، ئۇزاق كەلگۈسىدىن ئويلىشىشىمىز، ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش پىلانلىشىمىز كېرەك، كۆز ئالدىمىزنىلا كۆرۈپ، بىر ئىشقا يولۇققاندا ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتسەك بولمايدۇ، ئۇنداق قىلغاندا ئاز ئىشقا كۆپ كۈچ سەرپ بولۇپ كېتىدۇ، ھەتتا نىشاندىن ئادىشىپ قېلىپ، ئومۇملۇق تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىيەلمەيمىز.» يولداش شى جىنپىڭنىڭ 1986 - يىلى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى شيامېن شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تېمىسىدىكى مەخسۇس خادىملارنى سەپەرۋەر قىلىش ۋە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزى ھازىرغىچە كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ، قەلبلەرنى لەرزىگە سېلىپ دىللارنى يورۇتىدۇ.
ئارقىدىن شيامېن شەھەرلىك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات ئىشخانىسى (شەھەرلىك ئىستراتېگىيە ئىشخانىسى) رەسمىي قۇرۇلۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە خىزمەت قىلدى.
«يولداش شى جىنپىڭنىڭ شيامېنغا قوشقان تۆھپىسى پەقەت بىر بىنا، بىر يول، بىر كۆۋرۈك بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى ئۇزاق مەزگىللىك، يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيلىق خاراكتېرلىك تۆھپە.» بۇ بىر بۆلەك «ئىگىلىك تىكلەش تارىخى» تىلغا ئېلىنغاندا، شۇ چاغدىكى شيامېن شەھەرلىك پىلان كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، بۇ يىل 90 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۈچ مەسئۇل مۇھەررىرىنىڭ بىرى جېڭ جىنمۇ يەنىلا ھاياجېنىنى باسالماي قالدى.
ۋەزىيەتنى كۆزىتەلىگەنلەر دانا، ۋەزىيەتكە ماسلىشالىغانلار ئاقىلدۇر.
شيامېننى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە يۈزلىنىشىگە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاش، بۇ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلىشتىكى ئېنىق پىرىنسىپى.
بۇ خىل ئومۇملۇق ئېڭى ۋە ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بۇرۇندىنلا داۋاملىشىپ كەلگەن، ئىزچىللىققا ئىگە −
جېڭدىڭدىكى ۋاقتىدىلا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «ئىقتىساد بىلەن شۇغۇللىنىش، چوڭ يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ھەممىسىدە كۆپرەك ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بولۇش، ۋاقىت جەھەتتىن يىراقراقنى كۆرۈش، بوشلۇق جەھەتتىن كەڭرەك قاراش كېرەك»؛ فۇجوۋدا ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئاساسلىق مەسئۇل بولغاندا، بايرىقى روشەن ھالدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «بىر شەھەرنىڭ تەرەققىياتىدا، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك بولغان 10 يىللىق، 20 يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئويلىشىپلا قالماي، يەنە يىراق كەلگۈسى مەزگىللىك بولغان 30 يىللىق، 50 يىللىق ھەتتا 100 يىلدىن ئارتۇق تەرەققىيات نىشانىنى ئويلىشىش كېرەك».
يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، «ئىككى ئومۇمىيەت»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قايتا - قايتا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىستراتېگىيە مەسىلىسى بىر پارتىيە، بىر دۆلەتنىڭ تۈپ مەسىلىسى. ئىستراتېگىيە جەھەتتە دەل جايىدا ھۆكۈم قىلىپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئىلمىي پىلان تۈزۈپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرگەندە، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا زور ئۈمىد بولىدۇ».
ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، قەدەمنى پۇختا ئېلىش، چوڭ ئىشنى نەزەردە تۇتۇش، ئىنچىكە ئىشتىن باشلاپ تۇتۇش قىلىش، يولداش شى جىنپىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈش جەريانىدا كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: «شەھەرنىڭ خاسلىقى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك».
تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئېچىپ كۆرسەك، شيامېننىڭ تەرەققىياتتىكى ئورۇن بېكىتمىسى دەل جايىدا، ئېنىق − «فۇجيەننىڭ جەنۇبىنىڭ ئىقتىساد مەركىزى، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى دەرۋازا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كۆۋرۈك، دۆلىتىمىزنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىساد رايونى بىلەن ئالاقە قىلىشىدىكى بازا».
شيامېنغا كېلىپ خىزمەت قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، يولداش شى جىنپىڭ دۇڭدۇ پىرىستانىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئېگىز كۆتۈرۈلگەن ئاسما كىرانلار يېنىدا، ئۇ خىزمەتچى خادىملاردىن قانچىلىك يۈك كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى، خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ قانداقلىقىنى سورىدى. ئەينى چاغدا، شيامېن پورتىدا پەقەت ئىككىلا ئاسما كىران بار بولۇپ، بىرى يىلدا ئاران 35 مىڭ ئۆلچەملىك يۈك ساندۇقىنى ئورۇندىيالايتتى، چەتئەلنىڭ ئىلغار ئاسما كىرانىنىڭ ھەربىرى يىلىغا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۆلچەملىك يۈك ساندۇقىنى ئورۇندىيالايتتى.
بۇنىڭ ئۈچۈن، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە «شيامېن پورتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى»غا قارىتا مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىلدى، دۇنيا ئىقتىساد مەركىزىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەڭ جانلانغان رايون شەكىللىنىدۇ، شيامېن پورتى پورت كەڭ، سۈيى چوڭقۇر بولۇش، لاي - لاتقا ئاز بولۇش، مۇز تۇتماسلىق قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلىتىمىزنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبى قىسمىدىكى نۇرغۇن دېڭىز بويىدىكى دېڭىز قاتنىشى لىنىيەلىرى ۋە تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي تەرىپىدىكى نۇرغۇن خەلقئارا دېڭىز قاتنىشى لىنىيەلىرىنىڭ جەزمەن ئۆتىدىغان جايى ياكى يېقىن ئەتراپى دەپ قارىلىپ، شيامېن پورتىنى «تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز ياقىسىدىكى مەركىزىي تۈگۈن پورتقا ئايلاندۇرۇش» نىشانى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
30 نەچچە يىلدىن بۇيان، شيامېن پورتى باشتىن - ئاخىر تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى بويلاپ، تارماق لىنىيە پورتىدىن غول لىنىيە پورتىغا، تۈگۈن پورتقا ئۆزگىرىشنى تاماملىدى. 2025 - يىلى 4 - ئايغىچە، شيامېن پورتىنىڭ يۈك ساندۇقى نۆۋەتچى پاراخوت دېڭىز قاتناش لىنىيەسى 183كە يېتىپ، دېڭىز قاتنىشى لىنىيەسى تورى 51 دۆلەت ۋە رايوندىكى 151 پورتقا تۇتاشتۇرۇلدى، 2024 - يىلى يۈك ساندۇقى توشۇش مىقدارى 10 مىليون ئۆلچەملىك يۈك ساندۇقىدىن ئېشىپ، خەلقئارا يۈك ساندۇقى غول لىنىيەسىدىكى تۈگۈن پورتقا ئايلاندى.
ھاۋا ئوچۇق، غۇر - غۇر دېڭىز شامىلى چىقىۋاتاتتى. شيامېن ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان ۋۇتۇڭ يولۇچىلار پىرىستانىغا كىرگەندە، ئادەم كۆپ بولۇپ، يولۇچىلار تاموژنىدىن تەرتىپلىك كىرىپ چىقىۋاتاتتى.
بۇ جاي جىنمېن شۇيتوۋ پىرىستانىغا تەخمىنەن 10 دېڭىز مىلى كېلىدۇ، قاتناشقا 30 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ، چىراي پەرقلەندۈرۈش، كىنىشكا ئىشلىرىنى «شيامېنغا بېرىپلا بېجىرىش» قاتارلىق قولايلىق تەدبىرلەر شيامېن - جىنمېن دېڭىز قاتنىشى لىنىيەسىدە نۆۋەتچى پاراخوتنى «ئاممىۋى قاتناشقا ئايلاندۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى، شيامېن - جىنمېننىڭ يۇغۇرما تۇرمۇش چەمبىرىكى تېز شەكىللىنىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى.
نۆۋەتتە، شيامېندا داۋاملىق تىجارەت قىلىۋاتقان تەيۋەن مەبلىغىدىكى كارخانىلار 6000دىن ئېشىپ، تەستىقلانغان تەيۋەن مەبلىغىدىكى تۈر 12 مىڭدىن ئاشتى. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، شيامېن ئىككى قىرغاقنىڭ ئورتاق كەسپى، ئورتاق بازىرى، ئورتاق ماكانىنى تېز بەرپا قىلىۋاتىدۇ.
ھەر قېتىم ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىسىغا كەلگەندە، يولداش شى جىنپىڭ شيامېننىڭ ئىسلاھات - تەرەققىياتىغا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
2002 - يىلى 6 - ئايدا، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئۆلكە باشلىقى يولداش شى جىنپىڭ شيامېنغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شيامېن ئۈچۈن «ئارالنى يۈكسەلدۈرۈش، ئارال ھالقىپ تەرەققىي قىلىش» ئىستراتېگىيەسىنى پىلانلاپ، دېڭىز ئارىلى تىپىدىكى شەھەردىن دېڭىز قولتۇقى تىپىدىكى شەھەرگە ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈردى.
2021 - يىلى 12 - ئايدا، شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، شيامېننى «باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش»قا رىغبەتلەندۈردى.
تارىخ دولقۇنىدا ئېلىشىپ، دەۋر شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۇڭخەي دېڭىزى ساھىلى، لۇجياڭ دەرياسى بويىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئېسىل ھېكايىلىرى نامايان قىلىنماقتا.
1985 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، شيامېننىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %13.8 ئېشىپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون، باجدىن خالىي رايون، باجدىن خالىي پورت رايونى، ئەركىن سودا سىناق رايونى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭىلىق يارىتىش بازىسى، دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىقى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا شەھىرى قاتارلىق ئېچىۋېتىش ۋاسىتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى تەدرىجىي شەكىللەندى، فۇجيەننىڭ جەنۇبىدىكى ئىقتىساد مەركىزى، شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويىدىكى دەرۋازا بولۇش ئورنى بارغانسېرى گەۋدىلەندى.
«يولداش شى جىنپىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلغاندا، ئېچىۋېتىش، ئالدىن كۆرەرلىك، تارىخىي يۈزلىنىشنى ئىگىلەشتىن ئىبارەت ئومۇمىيەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي پىلانلاپ، شيامېن تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى، يېتەكچى ئىدىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇ، ھازىر پۈتۈن مەملىكەت ۋە يەرلىك قاتلىمىدىن <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پىلانلاشنى قىممەتلىك ئىلھام بىلەن تەمىنلىدى» دېدى شيامېن داشۆ ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ شىڭشياڭ.
شيامېننىڭ ئىسلاھات - تەرەققىيات ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پەقەت «ئىككى ئومۇمىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇملۇقنى چىقىش قىلىپ بىر رايوننى پىلانلاپ، بىر رايون ئارقىلىق ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، پۇرسەتنى بايقاش، پۇرسەت يارىتىش، پۇرسەتنى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا ئىزدىنىپ، سىناق قىلىپ، يول تېپىپ ئالدىدا ماڭغاندىلا، ئاندىن ھەم بىر رايونغا شەرەپ كەلتۈرۈش، ھەم ئومۇملۇققا ھۆسن قوشۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
(2) ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇش
«بۇنداق مۈشكۈل تەتقىقات ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىزنىڭ نەزەرىيە بىلىمىمىز ۋە خىزمەت تەجرىبىمىز ناھايىتى يېتەرسىز بىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، مەخسۇس بەنزىدىكىلەر تىرىشىپ ئۆگىنىشى، باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىشى كېرەك».
2025 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن باشلاپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى بويىچە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قارىمىقىدىكى ھۆكۈمەت تورلىرى، ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ھەمدە «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىدا ماس قەدەمدە «مەن <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانغا بىر تەدبىر كۆرسىتىمەن» مەخسۇس ئىستونى ئېچىلدى. داۋاملاشقان بىر ئاي ۋاقىتتا، ئامما پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، جەمئىيەتتە قىزغىن ئىنكاس قوزغاپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى پايدىلىق پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەلىللەشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق خەلق ئاممىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا ياراتقان يېڭى تەجرىبىلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، نىشان - ۋەزىپىلەر ۋە سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش كېرەك.
1986 - يىلى 10 - ئايدا، بىر مەيدان ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى − «2000 - يىلى − قەلبىمدىكى شيامېن» «شيامېن گېزىتى»دە قانات يايدۇرۇلۇپ، «1985 - يىلىدىن 2000 - يىلىغىچە بولغان شيامېننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى» توغرىسىدا ئاشكارا پىكىر توپلىنىپ، پۈتۈن شەھەردە كەڭ كۆلەمدە مۇنازىرە قوزغىدى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن ئادەتتىكى ئاممىغىچە، كۆپچىلىك بەس - بەستە مەسلىھەت بەردى، ماقالىلەر كەينى - كەينىدىن ئەۋەتىلدى. «شيامېن گېزىتى»گە شەھەر پىلانلاش، پورت ئېچىش، دېڭىز - ئوكياننى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشى قاتارلىق قارالمىلارغا ئالاقىدار بىرىنچى سەپتىن كەلگەن 14 پارچە تەكلىپ بېسىلدى، ماقالە ئەۋەتكەن ئاپتورلار ئىچىدە ھەم پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار، ھەم پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى، ئىنژېنېرلار قاتارلىقلار بار بولۇپ، جەمئىيەتتە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.
شۇ چاغدا، دۆلەتتىن يەرلىككىچە بەش يىللىق پىلان، يىللىق ئورۇنلاشتۇرۇش دائىملىق ئىش ئىدى، بىر شەھەر ئۈچۈن 15 يىللىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تۈزۈش بولسا تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى.
يولداش شى جىنپىڭ سەگەك تونۇشقا ئىگە ئىدى: «بۇنداق مۈشكۈل تەتقىقات ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىزنىڭ نەزەرىيە بىلىمىمىز ۋە خىزمەت تەجرىبىمىز ناھايىتى يېتەرسىز بىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، مەخسۇس بەنزىدىكىلەر تىرىشىپ ئۆگىنىشى، باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىشى كېرەك».
شۇنىڭ بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ شيامېن شەھەرلىك ئىستراتېگىيە ئىشخانىسىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ بېيجىڭغا بېرىپ، داڭلىق ئىقتىسادشۇناس يۈ گۇاڭيۈەننىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلدى.
«<جىنپىڭ، يەنە كەپسىزدە!> كۆرۈشۈپلا يۈ گۇاڭيۈەن يېقىملىق سالاملاشتى. يولداش شى جىنپىڭ يۈ ئاقساقالغا شيامېننىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدىكى پىكىر يولى ئۈستىدە سۆزلەپ بېرىپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىنى سوراپ، بىر چۈشتىن كېيىن پاراڭلاشتى، كەيپىيات قىزغىن بولدى.» ئەينى يىللاردىكى مەنزىرە جېڭ جىنمۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.
يۈ ئاقساقالنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يەنە كۆپچىلىكنى باشلاپ جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە كېلىپ، ليۇ گوگۇاڭ، دۇڭ فۇرېڭ قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سورىدى، شيامېننىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈش ئويى ئۇلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. ليۇ گوگۇاڭ يەنە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ شيامېن بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىنى مەخسۇس تەۋسىيە قىلدى.
باش تېمىنى بېكىتىپ، پىلاننى ياخشى تۈزۈپ ئاندىن ھەرىكەتكە كەلدى.
يولداش شى جىنپىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ئالاقىدار ھەرقايسى كونكرېت تۈرلەرنى ئۆزى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، 21 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈپ ئومۇميۈزلۈك پىلانلىدى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە شيامېن داشۆ قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار، شيامېن پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى قاتارلىق 100دىن ئارتۇق كىشى بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى.
«تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تۈزۈش غايەت زور سىستېما قۇرۇلۇشى، ھەم ئالاقىدار ساھەلەردىكى يۇقىرى قاتلاملىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش، ھەم نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى ۋە ئەمەلىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك» دېدى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تېما گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى شۈ چۇشۈەن.
بىرىنچى سەپتە تەكشۈرۈپ، ئاساسىي ئەھۋالنى ئېنىقلىدى.
ئەينى يىلى ۋېلىسىپىت مىنىپ كوچىمۇكوچا يۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتلارغا «قاتراپ»، ئاساسىي ئەھۋالنى ئىگىلەيدىغان كۈنلەر شۇ چاغدىكى شيامېن داشۆ ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تېما گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ليۇ ليەنجىنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە.
«شيامېندىكى 100دىن ئارتۇق ئادىمى بارلىكى زاۋۇت مەيلى تار كوچىلاردا بولسۇن، بىز ھەممىسىگە بىرمۇبىر كىرىپ چىقتۇق.» ليۇ ليەنجى مۇنداق دېدى: تېما گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى دائىم ۋېلىسىپىت مىنىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلاتتى، ۋېلىسىپىتى يوقلار كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ كوچىمۇكوچا چېپىپ يۈرەتتى.
«ئەينى چاغدا تېخى سانلىق مەلۇمات ئۇچۇر سىستېمىسى يوق ئىدى، بىز بىر - بىرلەپ يىغدۇق، سېلىشتۇردۇق، رەتلىدۇق.» ليۇ ليەنجى مۇنداق دېدى: تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە ئېرىشكەن نۇرغۇن بىرىنچى قول ھەقىقىي سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، شيامېننىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئېنىقلىدۇق، شۇنداقلا كەلگۈسى تەرەققىيات مۇمكىنچىلىكىنىمۇ كۆرۈپ يەتتۇق.
رەقەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش دولقۇنى تېخى يېتىپ كەلمىگەن دەۋردە، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈشتە ماتېماتىكىلىق مودېل قوللىنىلىپ تەھلىل قىلىندى ۋە مۆلچەرلەندى.
تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئېچىپ كۆرسەك، تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات گىرافىكى، فۇنكسىيە فورمۇلالىرى بىلەن لىق تولغانىدى. «شيامېن شەھىرىنىڭ 2000 - يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك نىشانى توغرىسىدىكى مۆلچەر دوكلاتى» بابىدا يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، بىناكارلىق، سودا... ئون نەچچە پارچە گىرافىكتا تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مەھسۇلات - سېلىنما نىسبەت قىممىتى تەپسىلىي تىزىپ چىقىلىپ، تۈرلۈك تەڭلىمىلەر ئارقىلىق تەھلىل قىلىپ ھېسابلىنىپ، 15 يىلدىن كېيىنكى شيامېننىڭ قىياپىتى دەل جايىدا سۈرەتلەپ بېرىلگەنىدى.
تەشكىللەپ قۇرۇلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان شيامېن داشۆ كومپيۇتېر فاكۇلتېتى مودېل قۇرۇپ ئانالىز قىلىش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. تەخمىنەن بىر يېرىم يىل ۋاقىتتا، شۇ چاغدىكى شيامېن داشۆ كومپيۇتېر فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ جيەندې ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ تۈرلۈك تارىخىي سانلىق مەلۇماتلارنى چوڭقۇر توپلاپ، ماتېماتىكىلىق مودېل قۇرۇش، مىقدارنى بېكىتىپ ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق كەلگۈسىنى مۆلچەرلەپ، ئاساسلىق چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئامىل ۋە زۆرۈر شەرتلەرنى كۆرسىتىپ بەردى.
چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق تۈزۈلگەن بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئۇلۇغۋار پىلان شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشى، قانداق تەرەققىي قىلىشى قاتارلىق زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە سىستېمىلىق، چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، ھازىرمۇ يەنىلا زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان ئىدىيە نۇرى بولۇپ چاقناپ تۇرىدۇ −
مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، «شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىدا ئەركىن پورتقا دائىر بەزى سىياسەتلەرنى تەدرىجىي يولغا قويۇش تەسەۋۋۇرى» «شيامېن پورتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى» ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، «شيامېن شەھىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىچكى - تاشقى تەسىر كۆرسىتىش رولى» ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى؛
ئەتراپلىق، سىستېمىلىق بولدى، شيامېن شەھىرىنىڭ 2000 - يىلىغىچە بولغان سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، تاشقى سودا، ساياھەت، مالىيە - باج ۋە پۇل مۇئامىلە، مائارىپ قاتارلىق مەسىلىلىرىگە قارىتا بابلارغا بۆلۈپ بىر - بىرلەپ ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان تۈزۈلدى؛
توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىلدى، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن شيامېن شەھىرىنىڭ «ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى» «شەھەر - بازار سىستېمىسى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىسى» ئايرىم بىر باب قىلىپ تەسىس قىلىنىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، «پەن - تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى جەزمەن باش ئورۇنغا قويۇش» گەۋدىلىك تەكىتلەندى...
خۇددى ئىقتىسادشۇناس ما خۇڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ كىرىش سۆزىدە ئېيتقاندەك: «بۇ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ يىراق كەلگۈسى يىرىك پىلانى، يېقىن مەزگىللىك يولغا قويۇش تەدبىرىنى تۈزۈشتە يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە باشقا رايونلارنىڭ رايون خاراكتېرلىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈشى ئۈچۈن پايدىلىق تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىدى».
ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇش، خەلق رايىنى قوبۇل قىلىش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت بۇ خىل ئاڭلىقلىق ئېڭى ۋە خىزمەت ئۇسۇلى يەرلىكتىن مەركەزگىچە بولغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈلدى.
«توغرا يول نەدىن كېلىدۇ؟ ئامما ئارىسىدىن كېلىدۇ. بىز نەزەرىمىزنى تۆۋەنگە قارىتىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشنى بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم شۇنداق تەكىتلىدى.
2020 - يىلى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشتە ئالاقە تورى ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتتىن پىكىر ۋە تەكلىپ ئېلىندى. شۇ يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەتتە مەيدان ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام زاتلىرىنى قاپلىغان مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.
2022 - يىلى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. بۇ، پارتىيەمىز تارىخىدا تۇنجى قېتىم پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ.
ئاساسىي قاتلامدىكى پۇقرالارنىڭ ئويلاۋاتقىنى ۋە كۈتۈۋاتقىنى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسىگە سىڭدۈرۈلدى، بۇ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى.
(3) ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇش
«ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننىڭ ۋەزىپىسى ئىسلاھ قىلىش، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون ئىسلاھات ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ، بىز بۇ مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك».
شيامېن پورتى خەيساڭ پورت رايونى يۈەنخەي تولۇق ئاپتوماتلاشقان پىرىستانىدا، ئاق رەڭلىك ئېنېرگىيە ساقلاش يۈك ساندۇقلىرى سوغۇق، خەتەرلىك ماللارنى قويۇش مەيدانىغا رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش، سۇ پۈركۈش سىستېمىسى، پارتلاشتىن مۇداپىئەلىنىش توك مەنبەسى چېتىلغۇچى، يېنىشچان گازنى تەكشۈرۈش، سىگنال بېرىش سىستېمىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەر لىتىيلىق باتارېيە ساقلايدىغان «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بىخەتەرلىك ئىشكابى»نى شەكىللەندۈرگەنىدى، شوپۇرسىز يۈك ساندۇقى ئاپتوموبىللىرى ئۇيان - بۇيان ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، تۈركۈم - تۈركۈم لىتىيلىق باتارېيەلەر بۇ جايدىن پاراخوتقا قاچىلىنىپ مەملىكەت سىرتىغا توشۇلاتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ لىتىيلىق باتارېيەلىرى مەملىكەت سىرتىدا بازار تېپىپ، تاشقى سودا ئېكسپورتىدىكى «يېڭى ئۈچ خىل مەھسۇلات»نىڭ بىرى بولۇپ قالدى. لىتىيلىق باتارېيەنىڭ خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتى ۋە دېڭىز تىرانسپورتىدا تەتبىقلىنىدىغان قائىدە قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن، لىتىيلىق باتارېيە دېڭىز تىرانسپورتى بىر مەھەل پورت ۋە پاراخوت ئىگىسى زاكاز ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلدى.
2024 - يىلىدىن بۇيان، شيامېن «شيامېن پورتى يۈك ساندۇقى شەكلىدىكى لىتىيلىق باتارېيەنىڭ ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش سىستېمىسىنىڭ دېڭىز ئۈستى بىخەتەر تىرانسپورت قوللانمىسى»نى ئىجادىي يولغا قويۇپ، تىرانسپورت ئۆلچىمىنى باشلامچىلىق بىلەن تۇرغۇزۇپ، خەلقئارالىق ئېتىراپقا ئېرىشىپ، كارخانىلارنىڭ لىتىيلىق باتارېيەنى ئېكسپورت قىلىشتىكى غەم - ئەندىشىسىنى ھەل قىلدى. نۆۋەتتە، فۇجيەن ئۆلكىسى بويىچە %90تىن ئارتۇق لىتىيلىق باتارېيە شيامېن پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىۋاتىدۇ.
2024 - يىلى 12 - ئايدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونى، شېنجېن، شيامېننىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىكى يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى ۋە تىپىك تەجرىبىلىرىنى كېڭەيتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى، بۇ، «ئۆلچەمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۈك ساندۇقى شەكلىدىكى لىتىيلىق باتارېيەنىڭ ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش سىستېمىسىنىڭ مەملىكەت سىرتىغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش» قاتارلىق شيامېننىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا دائىر 13 تۈرلۈك تەجرىبىسىنى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون ئىسلاھاتنىڭ تەقەززاسى بىلەن بارلىققا كەلگەن، ئىسلاھات ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشتا ئۇنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىنتايىن زور ئۈلگە كۆرسىتىش تەسىرىگە ئىگە.
20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىكى شيامېنغا، ھەتتا جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «ئەركىن پورتقا دائىر بەزى سىياسەتلەرنى تەدرىجىي يولغا قويۇش» − بىر يېپيېڭى ئىسلاھات تېمىسى ئىدى.
«ئەركىن پورت دېگەن نېمە، قانداق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا بولىدۇ، بۇ ھەقتە دۆلەت ئىچىدە قوللانما قىلغۇدەك ئۆرنەك يوق ئىدى.» ئەينى چاغدا شيامېن شەھەرلىك پىلان كومىتېتىنىڭ كادىرى بولغان دۇڭ چۈنليەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئالاھىدە رايوننىڭ ئىسلاھات مۇھىم ۋەزىپىسىگە يۈزلىنىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۈزگەن چاغدا، يولداش شى جىنپىڭ چوقۇم ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، چەكلىمىلەرنى تۈگىتىش، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دادىل سىناق قىلىش كېرەك، دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى».
شيامېن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا، يولداش شى جىنپىڭ قەتئىي تەلەپپۇزدا مۇنداق دېدى: «ئىسلاھاتتا بىرقەدەم ئالدىدا مېڭىشنىڭ خەتىرى بار، لېكىن دۆلەت بەزىلەرنىڭ ئاۋۋال سىناپ يول ئېچىشىغا ئېھتىياجلىق، ياخشى قىلالىسا، دۆلەتنىڭ كېيىنكى ئىسلاھاتى ئۈچۈن تەجرىبە بىلەن تەمىنلەپ، تۇتقىنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىش رولىنى ئوينايدۇ».
يولداش شى جىنپىڭ ئۆمەك باشلاپ سىنگاپور قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئەركىن پورتنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى ھەم «ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش رايونى ۋە ئەركىن پورت» شيامېن خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىنى تەشكىللەپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلىدى.
«بىز مەۋقەنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە، شيامېننىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇشىمىز كېرەك، سىنگاپورنىڭ ئەندىزىسىنى پۈتۈنلەي كۆچۈرۈپ كېلىشكە بولمايدۇ، شياڭگاڭنىڭ ئەندىزىسىنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ، ئۇلارنى مۇھىم پايدىلانما قىلىشقا بولىدۇ.» يولداش شى جىنپىڭ تېما گۇرۇپپىسىدىكى يولداشلاردىن شيامېننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن شيامېن ئەركىن پورتىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئەركىن پورتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.
چېگرا سىرتىدىكى ئەركىن پورت قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، شيامېننىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئۇلى، پايدىلىق شارائىتى ۋە چەكلىمە ئامىللىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە شيامېننىڭ ئەركىن پورتقا دائىر بەزى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشىغا قارىتا «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» يولىنى ئوتتۇرىغا قويدى −
باجدىن خالىي بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، باجدىن خالىي رايون قۇرۇش؛ باجدىن خالىي رايوننىڭ دائىرىسىنى پۈتۈن ئارالغا كېڭەيتىپ، فۇنكسىيەسىنى ئەركىن سودا رايونى يۆنىلىشىگە كېڭەيتىپ، ئەركىن سودا رايونى سىياسىتىنى يولغا قويۇش؛ پۈتۈن ئارالدا ئەركىن پورتنى بەلگىلىك دەرىجىدە قويۇۋېتىش.
«يېڭى دەۋر كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە پىلانلانغان <ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش> يولىنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، ئىلمىيلىكىنى دەلىللەپ، جۇڭگوچە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش يولىنى تېپىپ چىقتى» دېدى شيامېن ئەركىن سودا كومىتېتى سىياسەت، قانۇن - نىزام ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دېڭ گۇاڭشيۇڭ.
شيامېن ھەم ئىسلاھات كۆزنىكى، ھەم ئېچىۋېتىش ئىشىكى بولدى.
ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش جەريانىدا ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن بارلىققا كەلگەن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوندىن يېڭى دەۋردە جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئەركىن سودا سىناق رايونىغىچە، ئىسلاھاتنىڭ مەنىۋى خىسلىتى بۇ شەھەرنىڭ قان تومۇرىغا سىڭىپ كەتتى.
شيامېندا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھاتلارغا ئۆزى بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، قوش يۆنىلىشلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېچىۋېتىش - تەرەققىيات يولىنى ئىزدىنىپ ئاچتى.
تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە ئالدى بىلەن «كىچىك ھۆكۈمەت، چوڭ جەمئىيەت» پىرىنسىپى بويىچە، ئىخچام، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئالاھىدە رايون مەمۇرىي باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپپارات ئىسلاھاتى نۇقتىدا سىناق قىلىنغان شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1987 - يىلى، شيامېننىڭ سانائەت سىستېمىسىدىكى سەككىز كەسپىي ئىدارىنىڭ ھەممىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، كارخانىلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، ھوقۇق كارخانىلارغا بېرىلدى. بۇ كەسكىن تەدبىر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشى ۋايسىدى، ئەمما بۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، تېزدىن ئاتلىنىپ، بازار ئىگىلىكىگە سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئىدى» دېدى شيامېن شەھەرلىك سابىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداش ئەسلەپ.
مەملىكەت بويىچە، باج بىلەن پايدىنى ئايرىش تەدبىرى باشلامچىلىق بىلەن چىقىرىلدى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلىندى، تاشقى قەرز ئېلىپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قىلىش باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇلدى، تاشقى پېرېۋوت تەڭشەش مەركىزى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇلدى، دۆلىتىمىزدىكى شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلىدىغان، كارخانىلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرىدىغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە شىركىتى − شيامېن ئاۋىياتسىيەسى قۇرۇلدى، تۇنجى جۇڭگو - چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى بانكا − شيامېن خەلقئارا بانكىسى تەسىس قىلىندى ... باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان بۇ ئىسلاھات ئەمەلىيەتلىرىدە «باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان» ئەقىل - پاراسەت ۋە جاسارەت نامايان بولدى.
ئىسلاھاتنىڭ ئاخىرقى چېكى بولمايدۇ، يۇقىرى پەللىگە چىققان تەقدىردىمۇ داۋاملىق ئىلگىرىلەش كېرەك.
2023 - يىلى 6 - ئايدا، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى شيامېندا ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى بېسىپ تارقىتىپ، تىزىملىك بويىچە تۈركۈمگە بۆلۈپ ھوقۇق بېرىش شەكلى بىلەن، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا، شيامېنغا تېخىمۇ زور بولغان ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بەردى، شۇنىڭ بىلەن شيامېننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى.
تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ۋە ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيە»سى بېكىتىلدى، شيامېن ئەركىن سودا بۆلەك رايونى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، دادىل سىناق قىلىپ، دادىل بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆز ئالدىغا ئىسلاھ قىلىپ، جەمئىي 600 تۈردىن ئارتۇق ئىجادىي تەدبىرنى چىقاردى، 31 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىسى پۈتۈن مەملىكەتتە كېڭەيتىلدى. شيامېننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە نەزەر سالساق، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك ئاچقۇچلۇق ئورۇنغا قويۇلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە بايراق روشەن ھالدا: «ئالاھىدە رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، جەزمەن پەن - تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى باش ئورۇنغا قويۇش كېرەك» دەپ كۆرسىتىلدى.
ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، بىرقەدەر يۇقىرى تېخنىكىلىق باشلىنىش نۇقتىسىغا ئىگە كەسىپلەرنى يېتەكچى كەسىپ ۋە تۈۋرۈك كەسىپ قىلغان سانائەت قۇرۇلمىسى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈلدى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە كومپيۇتېر ئەمەلىي قوللىنىش تېخنىكىسى، ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى، بىيوقۇرۇلۇش، دېڭىز - ئوكياننى ئېچىش، يېڭى ماتېرىياللار ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان كەسىپ قىلىندى، ئېلېكتىرون، توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق قاتارلىقلار نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ساھە قىلىندى.
«1990 - يىلى خوجۈ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنى قۇرۇش باشلاندى، 2012 - يىلى شيامېن بىيوتېببىي دورا پورتى بەرپا قىلىندى، 2020 - يىلى شيامېن ئىلىم - پەن شەھەرچىسى پىلانلاپ قۇرۇلدى... 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، شيامېن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى مېخانىزم ئۈستىدە ئىزدەندى، يېڭى بازا ئاچتى» دېدى شيامېن شەھەرلىك پەن - تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى.
يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، شيامېن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساس قىلغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق قۇرۇلۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىش پىلانىنى تۈزۈپ، «6+4+4» زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، فوتوئېلېكتىرونلۇق ئېكران، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، بىيوتېببىي دورىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ 100 مىليارد دەرىجىلىك كەسىپ توپىنى يېتىلدۈرۈپ، «دېڭىز قولتۇقى تىپىدىكى ئىجادچان» شەھەر بولۇشقا قاراپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىدى.
فۇجيەن تۇپرىقىدا، «باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىش، تىرىشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش»تىن ئىبارەت يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش روھى بارلىققا كەلدى. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش − «زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ئەڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتى».
ئىسلاھاتچىلارلا ئىلگىرىلەيدۇ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارلا قۇدرەت تاپىدۇ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق ياراتقۇچىلارلا غەلىبە قىلىدۇ.
2024 - يىلى 10 - ئايدا، جۇڭگو (فۇجيەن) ئەركىن سودا سىناق رايونى شيامېن بۆلەك رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى تۇتۇشتا، مەيلى چوڭقۇرلۇق ياكى كەڭلىك جەھەتتە بولسۇن، ھەممىسىدە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى قويۇلدى. فۇجيەن بىلەن شيامېن ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەمگە ئۇدۇللىشىش جەھەتتە چوڭقۇر، تۈجۈپىلەپ ئىزدىنىپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك، سىياسەت خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى كۆپرەك يارىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك».
(4) خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، بوشاشماي تىرىشىش
«شيامېن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر نۆۋەتمۇ - نۆۋەت ئۇلانغان، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشقان كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، بۇنىڭدا تايىنىلغىنى شيامېننىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىغا قاتناشقۇچىلار بولدى، شيامېن خەلق ئاممىسى شيامېن قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلار شيامېن خەلقىنىڭ جاپاغا چىداپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ».
ياز كۈنلىرىدىكى يۈنداڭ كۆلىنىڭ سۈپسۈزۈك سۈيى دولقۇنلىنىپ تۇراتتى، ئاققوتانلار پەرۋاز قىلاتتى، بەيلۇجوۋدىكى يۈنداڭ بىلىم يۇرتى ياپيېشىل بامبۇكلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، قەدىمىي، ئاددىي، تىمتاس ئىدى.
2017 - يىلى 9 - ئايدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بۇ جايدا سەيلە قىلىپ، شيامېننىڭ «شەھەر مېھمان كۈتۈش زالى»دىكى يارقىن مەنزىرىسىنى ھېس قىلدى.
«تولىمۇ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك باغچىلاشقان شەھەردە، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتمەكتە»، باش شۇجى شى جىنپىڭ شيامېننى دۇنياغا مانا مۇشۇنداق تونۇشتۇردى، يۈنداڭ كۆلى دەل تولىمۇ گۈزەل بۇ شەھەرنىڭ ئېكولوگىيە گۈزەللىكىنىڭ ۋەكىلى.
بۈگۈنكى كۈندە بۇ جايدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيۋاتقان كىشىلەر ئەينى يىللىرى بۇ جاينىڭ كۆل سۈيى قارىداپ سېسىپ كەتكەن، بېلىق، راك، ئاققوتانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن كۆرۈنۈشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.
تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە ئەينى چاغدىكى يۈنداڭ كۆلى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك تەپسىلىي خاتىرىلەر بار − «ئورگانىك ماددىلاردىن بۇلغىنىشى ئېغىر، مىقدارى يۇقىرى بولغاندا %12كە يېتىدۇ»، «كۆپ ساندىكى باكتېرىيە تۈپى يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى زەھەرلىك ماددىلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، بۇنىڭدىن يۈنداڭ كۆلىنىڭ بۇلغىنىش تارىخىنىڭ بىرقەدەر ئۇزاق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» «125 كارخانا بۇ كۆلگە سانائەت كېرەكسىز سۈيى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ، پۈتۈن شەھەرنىڭ سانائەت كېرەكسىز سۈيى قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %45تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ».
ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ بەزىلىرى تېلېفون قىلىپ، بەزىلىرى خەت يېزىپ، «يۈنداڭ كۆلى قارا، سېسىق ھالەتتىن قاچان قۇتۇلىدۇ؟» دەپ كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلدى.
ياخشى ئېكولوگىيە - مۇھىت ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى، ئېكولوگىيەنى ئۆزگەرتىش تولىمۇ زۆرۈر.
1986 - يىلى 1 - ئايدا، شيامېن شەھەرلىك 8 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - يىغىنىدا، يولداش شى جىنپىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئاساسىي مەقسەتنى باشتىلا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، پوزىتسىيەسىنى ئېنىق بىلدۈردى، «تەبىئىي مەنزىرە بايلىقىنى قوغداشنىڭ تەسىرى چوڭقۇر، ئەھمىيىتى زور» «مەن شىمالدىن كەلدىم، شيامېندىكى ھەربىر گىياھ، ھەربىر تاشنىمۇ ناھايىتى قىممەتلىك ھېس قىلىمەن» «شيامېن ۋەتەنگە مەنسۇپ، مىللەتكە مەنسۇپ، بىز ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىشىمىز ۋە قەدىرلىشىمىز، ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك».
مۇھىت قوغداش بىلەن قۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا، يولداش شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى −
«نادانلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇزغۇنچىلىق ئاساسىي تەرەپ ئەمەس، ھازىر يەنە بىر خىل خاھىش بار، ئۇ بولسىمۇ قۇرۇش خاراكتېرلىك بۇزغۇنچىلىقتۇر، بۇنداق بۇزغۇنچىلىقنى مەدەنىيەتسىز كىشىلەر قىلغان بولۇشى ناتايىن، لېكىن ئۇنىڭدا ئەكس ئەتكىنى يەنە بىر خىل نادانلىق ياكى بىر خىل مەسئۇلىيەتسىزلىك».
تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە «ئېكولوگىيەنىڭ ئورنى» ئۇقۇمى باشلامچىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «شەھىرىمىزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتى ھەقىقەتەن ئەۋزەل، ئالاھىدە رايون ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، چوقۇم مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، شيامېن رايونىدىكى خەلق ۋە ئەۋلادلار ئۈچۈن گۈزەل بولغان تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىش كېرەك».
ئەينى چاغدىكى شيامېننىڭ تەرەققىياتىغا بولغان بۇ يىراقنى كۆرەرلىككە يۈ گۇاڭيۈەن يۈكسەك باھا بېرىپ: «شيامېن ئېكولوگىيە مەسىلىسىنى بىرىنچى بولۇپ تىلغا ئالغان» دېدى.
1988 - يىلى 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، يۈنداڭ كۆلىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىلىپ، شيامېننىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنى تۈزەشتىكى بىر مەيدان قاتتىق جەڭ باشلاندى.
يولداش شى جىنپىڭ كۆلنى تۈزەشكە دائىر «20 خەتلىك فاڭجېن»نى ئوتتۇرىغا قويدى: كۆلنى قانۇن بويىچە تۈزەش، بۇلغىنىشنى توسۇپ بىر تەرەپ قىلىش، لاي - لاتقىلارنى تازىلاپ قىرغاق ياساش، سۇنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش. شيامېن شەھىرى يۈنداڭ كۆلىنى تۈزەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، «شەھەر مالىيەسىدىن بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئىككى يىلدا يىلىغا 10 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىدۇ» دەپ ئېنىق بېكىتتى.
«ئەينى يىلى ئاجرىتىلغان 10 مىليون يۈەن ئاز پۇل ئەمەس، پۈتۈن شەھەرنىڭ بىر يىللىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كېلەتتى» ئەينى چاغدا شيامېن شەھەرلىك ئاممىۋى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان جاڭ يىخې ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يۈنداڭ كۆلىنى تۈزەشكە ھەقىقىي تۇتۇش قىلىندى!»
«20 خەتلىك فاڭجېن»غا ئەمەل قىلىنىپ، يۈنداڭ كۆلىدە بەش باسقۇچلۇق تۈزەش ئېلىپ بېرىش ئەسلا توختاپ قالمىدى، سۇ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، يۈنداڭ كۆلىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق نىشانلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2024 - يىلى، 6 - باسقۇچلۇق ئۇنىۋېرسال تۈزەش باشلىنىپ، نۇقتىلىق ھالدا كۆل رايونىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كۆل بويى پىيادىلەر يولى، باغچىلارنىڭ يېشىللىق سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، گۈزەل مۇھىت ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت يەتكۈزۈلدى.
«خەلقنىڭ غېمى»نى قەلبكە پۈكۈپ، «خەلقنىڭ ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى، سىجىل كۈچ چىقىرىلدى.
پاكىز، رەتلىك ئاساسىي كوچا، تارماق كوچىلار، بىنالارنىڭ يېڭىلانغان سىرتقى تېمى، «ئالتۇن گۈرزە» «كوكۇس دەرىخى» قاتارلىق ئىجادىي رەسىم - نەقىشلەر چۈشۈرۈلۈپ سىرلانغان تۇرخۇن، ئىستولبىلار... شيامېن شەھىرى خۇلى رايونى خېشەن كوچا باشقارمىسىنىڭ ۋېيلى مەھەللىسى ئىلگىرىكى توك سىملىرى قالايمىقان تارتىلغان، ساڭگىلاپ كەتكەن، ئۆيلەرنىڭ ئالدى - كەينىگە قاڭالتىر كەپىلەر خالىغانچە ياسالغان كونىراپ كەتكەن شەھەر ئىچىدىكى كەنتتىن ئىناق، ئازادە مەھەللىگە ئايلاندى.
«ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، مەھەللىنىڭ مۇھىتى كۆپ ياخشىلاندى، كۆپچىلىكنىڭ كەيپىياتىمۇ ئازادىلەشتى.» كىچىكىدىنلا بۇ جايدا ياشىغان چېن جيەنجۈن مۇنداق دېدى: «ئۆزگىرىش بەك چوڭ بولدى، ئەسلىدىكى ئەخلەت دۆۋىلىنىپ تۇرىدىغان جاي ياشانغانلار سالقىندايدىغان سورۇنغا ئايلاندى، بالىلار يېڭى ياسالغان تەنھەرىكەت مەيدانىدا پەي توپ ئوينىيالايدىغان بولدى، ئىلگىرىكى كونا تۇرالغۇلارمۇ ۋاڭخۇڭ چايخانا ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كۇتۇپخانىسىغا ئۆزگەرتىلدى».
شەھەر ئىچىدىكى كەنتنى تۈزەش شەھەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك. شەھەر ئىچىدىكى كەنتنىڭ ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى سىرتتىن كەلگەن نوپۇس ئىدى، ئۇلار بۇ شەھەردە جاپاغا چىداپ تىرىشىپ ئىشلەپ، شەھەر تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى، قانداق قىلىپ ئۇلارنى خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى.
«شيامېندىكى خەلق ئاممىسى شيامېن قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىدۇر، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى شيامېن خەلقىنىڭ جاپاغا چىداپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.» يولداش شى جىنپىڭ ئىلگىرى بىر قېتىملىق ئاخبارات زىيارىتىدە مۇشۇنداق دېگەنىدى.
شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىش ئاساسىدا، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە، شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلارنى شەھەر - بازارلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېلىپ كەلگەن شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرگە ئالاقىدار مەسىلىلەر كۆرسىتىلدى ھەم بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش پىلانلاپ قۇرۇش پىكىر يولى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان شيامېننىڭ 2000 - يىلىغىچە بولغان ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا دائىر ئالتە چوڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئىچىدە، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىشى، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئېكولوگىيە - مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتكۈچلەر يېرىمىنى ئىگىلەپ، روشەن خەلق تۇرمۇشى يۆنىلىشىنى نامايان قىلدى.
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بويلاپ، بىز شەھەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىلىرىمۇ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا، تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان خەلق شەھىرى قۇرۇپ چىقتۇق.» شيامېن شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى دېسەي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شيامېن شەھەر ئىچىدىكى كەنتتىن 71نى زامانىۋىلاشتۇرۇپ تۈزەشنى قانات يايدۇردى، قالغان 37سىنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر ئىچىدىكى كەنتنىڭ ئاھالىلىرىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرمەكتە.
«مىخ قېقىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي بوشاشمايدىغان چىدامچانلىققا ئىگە بولۇپ، يولغا قويغان ھەربىر ئىشنى ئاخىرغىچە تۇتۇپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك» − بۇ خىل تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك نەزەر، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتىكى ئەمەلىيەت روھى ئادەتتىن تاشقىرى روشەن بولدى.
فۇجوۋدا، «3820» ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشى «قەغەز يۈزىدىكى فۇجوۋ شەھىرى»دىن «زامانىۋىلاشقان خەلقئارالىق شەھەر»گە قاراپ ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولدى؛ جېجياڭدا، «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تۈمەنلىگەن گۈزەل يېزا - كەنتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنى بەختكە ئېرىشتۈردى؛ شاڭخەيدە، «خەلق شەھىرىنى خەلق قۇرۇش، خەلق شەھىرى خەلقنى كۆزلەش» رېئال مەنزىرىگە ئايلاندى...
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، «ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش» ئارقىلىق نىشان چىڭ كۆزلىنىپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تېز ئالغا سىلجىتىلدى؛ چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل چەكلەش يولغا قويۇلۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇلدى؛ دىققەت رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ھەربىر مەيدان سۆھبەت يىغىنىدا داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ھەربىر ئاچقۇچلۇق قەدەمدە تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقى ئېچىلدى...
«تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» «تارىخىي نەزەر، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرنى كونكرېت ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك»، بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى.
30 نەچچە يىل ۋاقىتنى ھالقىپ ئۆتۈپ، «1985 - يىلىدىن 2000 - يىلىغىچە بولغان شيامېننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى» ھەم ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن خەلقچىللىق، ئالدىن كۆرەرلىك، سىستېمىچانلىق، ئەمەلىيەتچانلىق، ئىزچىللىق شيامېننىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئۇل تاشقا ئايلاندى ھەم يېڭى دەۋر كوردىناتىدا چوڭقۇر ھەم ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان كۈچنى يەنىمۇ نامايان قىلدى.
ھازىر، 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان تۈزۈلۈۋاتىدۇ. «بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈش ۋە داۋاملىق يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى باش بولۇپ قوماندانلىق قىلىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، كەلگۈسى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىلمىي تۈزۈشكە كۈچ چىقاردى.
«كۆپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ھەرقانداق ئىشتا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ؛ كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.» يۈز مىليونلىغان خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلسا، مۇقەررەر ھالدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى يەنە يارىتالايدۇ!
(مۇخبىرلار جۇ جىچەي، جېڭ لياڭ، ليۇ خۇڭشيا، يەن فۇجىڭ، ۋۇ جيەنفېڭ)
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شيامېن، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)