6-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى ئىلى ئۆسۈملۈك باغچىسى پارنىكىدا «ئالما باغچىسى» سارىيى ئېچىلدى.

ئىلى ئۆسۈملۈك باغچىسى پارنىكىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى.
شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى تەمىنلىگەن سۈرەت
ئىلى ئۆسۈملۈك باغچىسىنىڭ مۇدىرى گۇەن كەييۇەن مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئالما باغچىسى» دەپ نام بېرىش ئىلىنىڭ شىنجاڭنىڭ ياۋا ئالما ماكانى بولۇش ئۆزگىچە ئورنىغا ماسلىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىككى يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، ئىلى ئۆسۈملۈك باغچىسى پارنىكىغا ئەتىۋارلىق ئۆسۈملۈك سورتىنى كىرگۈزۈش، ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئېچىۋېتىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزدۇق.
ئىگىلىنىشىچە، ئىلى ئۆسۈملۈك باغچىسى پارنىكىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 5505 كىۋادرات مېتىر ، تۆت چوڭ باش تېما كۆرگەزمە سارىيىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، پەرۋىش قىلىش، پەن تەتقىقاتى ھەم كەسىپ بىلەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى بىر گەۋدە قىلغان ئۇنىۋېرسال سۇپا قىلىپ بېكىتىلگەن، ئىككى يىل ئىچىدە 3000 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈكنى يىغىپ كۆرگەزمە قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تەسىر كۈچىگە ئىگە «ئۆسۈملۈك كېمىسى» بەرپا قىلىش نىشان قىلىنغان.

ئىلى ئۆسۈملۈك باغچىسى پارنىكىدىن كۆرۈنۈش. شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى تەمىنلىگەن سۈرەت
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى