تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يىگىرمە سەككىزىنچى! باركۆل داخې ئايرودۇرۇمىنىڭ ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى ئېلان قىلىندى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى باركۆل داخې ئايرودۇرۇمىنى ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسىنى تارقىتىش خىزمىتىنى تاماملىدى، بۇ، باركۆل داخې ئايرودۇرۇمىنىڭ ئېچىۋېتىش شەرتىنى رەسمىي ھازىرلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ شىنجاڭ رايونىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن 28-تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى، 2-ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمى بولۇپ قالدى.

باركۆل داخې ئايرودۇرۇمى.

گو يىۋېي فوتوسى

   باركۆل داخې ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇچۇش رايونى دەرىجە كۆرسەتكۈچى 4C بولۇپ، جەمئىي 692 مىليون 840 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بۇ قاراردا ئۇزۇنلۇقى 3000 مېتىر، كەڭلىكى 45 مېتىر كېلىدىغان ئۇچۇش يولىدىن بىرى يېڭىدىن ياسالدى، ئاساسىي قونۇش يۆنىلىشىگە Ⅰ تۈردىكى ئىنچىكە يېقىنلىشىش سىستېمىسى ئورنىتىلدى؛ 4000 كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە بىناسى، بەش ئايروپىلان توختىتىش ئورنى سۇپىسى، بىر مۇنار سۇپىسى ۋە 800 كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش بىناسى سېلىندى؛ ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش، ماي، توك بىلەن تەمىنلەش، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قاتارلىق ئەسلىھەلەر يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇلدى.

   باركۆل پۇقرالار ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايون، جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسىنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى. 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، يېڭىدىن قۇرۇلغان باركۆل پۇقرالار ئايرودۇرۇمىغا باركۆل داخې ئايرودۇرۇمى دەپ نام بېرىلگەن.

   باركۆل داخې ئايرودۇرۇمىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت تورىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايوننىڭ قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاپ، رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، قاتناش تىرانسپورت بىلەن ساياھەت كەسپى، ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ رايون ئىقتىسادى ۋە خاس كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

   ئىگىلىنىشىچە، باركۆل داخې ئايرودۇرۇمىدا 7-ئاينىڭ 10-كۈنى قاتناش باشلىنىدىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.