تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

2025-يىللىق تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە بىڭتۇەن كۆرگەزمىسىنىڭ كۆلىمىدە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى  كېلىشىم ئىمزالانغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سوممىسى 25 مىليارد 330 مىليون يۈەن بولدى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېچىلغان 2025-يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا-ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى نەتىجىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2025-يىللىق (جۇڭگو) ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن جەمئىي 15نى ئىمزالىغان، ئومۇمىي سېلىنما سوممىسى 25 مىليارد 330 مىليون يۈەن بولغان؛ 10 تۈرلۈك چەت ئەل ئىقتىساد-سودا تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالىغان، كېلىشىم سوممىسى 1 مىليارد 925 مىليون يۈەن بولغان؛ 21 مىليون يۈەنلىك سېتىۋېلىش-سېتىش زاكازى ئىمزالانغان، نەق مەيداندا سېتىلغان داڭلىق، ئەلا، ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ سوممىسى 32 مىليون 580 مىڭ يۈەن بولغان.

7-ئاينىڭ 2-كۈنى، 2025-يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا-ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي فوتوسى

   بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە، بىڭتۇەن «گۈزەل شىنجاڭ، گۈللەنگەن بىڭتۇەن»نى باش تېما قىلىپ، 2340 كىۋادرات مېتىرلىق ئوبراز كۆرگەزمە ئورنى بەرپا قىلىپ، كۆرگەزمە كۆلىمىدە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى. بىڭتۇەن تۇنجى قېتىم مەركەزلىك كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى ئىجادىي قوللىنىپ، بىڭتۇەننىڭ خاس كۆرگەزمە رايونى، شى، شەھەر ئوبراز كۆرگەزمە رايونى ھەمدە كارخانا كۆرگەزمە رايونىنى كۆڭۈل قويۇپ تەسىس قىلدى، 165 كارخانا 1300 خىلدىن ئارتۇق كۆرگەزمە بۇيۇمىنى  مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىپ، «بىڭتۇەن ياسىمىچىلىقى»نىڭ تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، پاختا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلدى.

   بىڭتۇەن تۇنجى قېتىم «N+X+4» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، «بىڭتۇەنگە مەبلەغ سېلىش» ۋە داڭلىق مەھسۇلاتلارنى تۇنجى ئېلان قىلىش تونۇشتۇرۇش يىغىنى، ئاسىيا-ياۋروپا سودىگەرلەر جەمئىيىتى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپى ھەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىق-تەرەققىياتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئاساسىدا، شى، شەھەر ۋە كارخانىلار كەسىپ ھەمكارلىقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى، كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدىن 20 مەيدانغا يېقىننى تەشكىللىدى.

   بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، جىڭدۇڭ گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى، مۇدىرىيەت رەئىسى ليۇ چياڭدۇڭ مەخسۇس بىڭتۇەن كۆرگەزمە سارىيىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى ۋە كېڭەشتى، خۇڭيەن HY100 چوڭ تىپتىكى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ، لۈۋېي يېڭى ئېنېرگىيەلىك كۆپ ئىقتىدارلىق شەھەر توكسىكلىتى، جيېمەن پاختا مەھسۇلاتلىرى يۈرۈشلۈكى قاتارلىق سەككىز كارخانىنىڭ 34 خىل خاس ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتىنىڭ جىڭدۇڭ ئېسىل ماللار مەخسۇس رايونىغا ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

   بىڭتۇەن سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گې يۈخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ئاسىيا-ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى. بىڭتۇەن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىككى بازار، ئىككى بايلىقتىن يەنىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا جەھەتتىكى ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا «دوستلار چەمبىرىكى»نى سىجىل كېڭەيتىپ، كۆرگەزمە سۇپىسىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.