تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۇنجى قېتىم قاتنىدى! شىنجاڭغا كىرىش-چىقىشتا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى!

    مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 19دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، قەشقەردىن چۇڭچىڭ غەربىگە قاتنايدىغان K4532 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ قەشقەر ۋوگزالىدىن يولغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يولۇچىلار پويىزى شىنجاڭدىكى گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرىدىغان-چىقىدىغان تۇنجى يولۇچىلار پويىزىغا ئايلانغان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ سىچۇەن-چۇڭچىڭ يۆنىلىشىگە بېرىشى تېخىمۇ قولاي بولغان.

قەشقەردىن چۇڭچىڭ غەربىگە قاتنايدىغان K4532 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى تۇنجى قېتىم قاتنىدى.

ۋاڭ شياۋجيې فوتوسى

    بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدا پويىزغا ئولتۇرۇپ سىچۇەن-چۇڭچىڭ رايونىغا بېرىش ئۈچۈن، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئارقىلىق تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىنى ئايلىنىپ مېڭىپ، ئاندىن لەنجوۋ-شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقىشقا توغرا كېلەتتى. 7-ئاينىڭ 1-كۈنى قاتنىغان K4532 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى قەشقەر ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، ئايلىنىپ ماڭماستىن، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى، گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى، چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريولى، لەنجوۋ-چىڭخەي تۆمۈريولى، لەنجوۋ-چۇڭچىڭ تۆمۈريولىنى بېسىپ ئۆتۈپ، يول بويى ئاقسۇ، كۇچا، كورلا، چاقىلىق، مىرەن، ماڭيا، گولمۇد، دېلىڭخا، شىنىڭ، لەنجوۋ، خاداپۇ، لۇڭنەن، گۇاڭيۇەن، خېچۇەن قاتارلىق مۇھىم ۋوگزال-بېكەتلەردە توختاپ، ئەڭ ئاخىرىدا چۇڭچىڭ شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ، بۇ، لىنىيە بويىدىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى زور دەرىجىدە قولايلاشتۇردى.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.