
ھازىر، غۇلجا شەھىرى يېڭىيەر بازىرىنىڭ ليۇچىدۇەن كەنتىدىكى 1000 موغا يېقىن يەردىكى ئۆرۈك پىشىپ بازارغا سېلىندى. كەنت كادىرلىرى ئۆرۈكلۈك باغقا كىرىپ، باغۋەنلەرگە ياردەملىشىپ، ئۆرۈكنى ئۆلچەملىك ئۈزۈش، كۆڭۈل قويۇپ ئايرىشقا ياردەملەشتى ھەم ئۆرۈكنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىپ، باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا كۈچ قوشتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر دىلخۇمار)

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ليۇچىدۇەن كەنتى ئۆرۈك ئۆستۈرۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك سورتلارنى كىرگۈزۈش، ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش»تەك خاس يېزا ئىگىلىك ئەندىزىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ كەنتتىكى ئۆرۈكلەر ھاۋا تىرانسپورتى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى باشقا شەھەرلەرگە توشۇلىدىكەن، خېرىدارلار ئۈچ كۈن ئىچىدە تاپشۇرۇۋالالايدىكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى