تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

سانجى ئوبلاستى ياشانغانلار قاپقا توپ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش مۇسابىقىسى گۇچۇڭدا باشلاندى

   ياشانغانلار توپ كالتىكى ئارقىلىق سالاپىتىنى نامايان قىلدى، قاپقا توپ ماھارەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق پارتىيەگە مەدھىيە ئوقۇدى. 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 2025-يىللىق «<1ـ ئىيۇل>نى تەبرىكلەش، پارتىيەگە مەدھىيە ئوقۇش» تېمىسىدىكى سانجى ئوبلاستى ياشانغانلار قاپقا توپ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش مۇسابىقىسى گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىدە قىزغىن ئۆتكۈزۈلدى. ئوبلاست بويىچە ھەر قايسى ناھىيە، شەھەردىن كەلگەن سەككىز ۋەكىللەر كوماندىسى، 70تىن ئارتۇق ياشانغان ماھىر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزگىچە قاپقا توپ ماھارىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى ياشانغانلارنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلدى.

مۇسابىقە نەق مەيدانى.

   

مۇسابىقە نەق مەيدانى.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى سانجى ئوبلاستلىق ياشانغانلار تەنتەربىيە جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى، گۇچۇڭ ناھىيەلىك مەدەنىيەت -تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، سانجى ئوبلاستلىق ياشانغانلار، پېشقەدەم كادىرلار پائالىيەت مەركىزى، سانجى ئوبلاستلىق ياشانغانلار تەنتەربىيە جەمئىيىتى قاپقا توپ مەخسۇس كومىتېتى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان،  مۇسابىقە ۋاقتى ئىككى كۈن بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ يېشى 65 ياشتىن 83 ياشقىچە ئىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.