ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

مۇخبىرنىڭ باش سۈرىتى AI ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان

6-ئاينىڭ 27-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى مىراس ساپال بۇيۇملار قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ساپال بۇيۇملارغا نەقىش سىزماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) «مەن بۇ يەردە خىزمەت قىلغىلى ئىككى يىل بولدى، نەققاشلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولغىلى بىر يىلدىن ئاشتى، كىرىمىم ئېشىۋاتىدۇ، خىزمەتداشلىرىمغا ئوخشاش جياڭشىغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىمەن» دېدى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، تەشمە نەقىشلىك ساپال لوڭقىغا نەقىش سىزىش ئۇستىسى كۈنگۈل روزى.
شۇ كۈنى، «چېگرانى بويلاپ تۈمەن چاقىرىملىق سەپەر قىلىش − ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتى»نىڭ جەنۇبىي لىنىيە زىيارەت كوللېكتىپى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى مىراس ساپال بۇيۇملار قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ، جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، قەدىمىي ساپال بۇيۇملارنى پىشۇرۇپ ياساش ھۈنەر-سەنئىتىگە ھاياتىي كۈچ قوشقانلىقى ھەم ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتقانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئاڭلىدى.
«جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوللىشىدا، كۆپ يىللاردىن بۇيان مەن جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىڭدېجېن بازىرى بىلەن ئاقتۇ ناھىيەسى ئارىلىقىدا قاتراپ، ھەرخىل ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈپ، ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆگەندىم ھەم ئۇنى ساپال بۇيۇملارنى ياساشقا سىڭدۈردۈم، بۇنىڭ بىلەن مەھسۇلاتنىڭ تەييار بولۇش نىسبىتى ۋە قوشۇلما قىممىتى ئاشتى. مەن يەنە گۈزەل-سەنئەت ئۆگەنگەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئەسەرلەردە تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىپ، قەدىمىي ساپال بۇيۇملاردا يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇشنى ئويلىدىم» دېدى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى، ساپال بۇيۇملارنى پىشۇرۇپ ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ 7-ئەۋلاد ۋارىسى ئوبۇلتالىپ تونۇشتۇرۇپ.

6-ئاينىڭ 27-كۈنى، خىزمەتچى خادىم ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى مىراس ساپال بۇيۇملار قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا خام ساپال بۇيۇملارنى ئاپتاپقا سالماقتا.

6-ئاينىڭ 27-كۈنى، خىزمەتچى خادىم ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى مىراس ساپال بۇيۇملار قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ساپال بۇيۇملارنى پىشۇرماقتا.

6-ئاينىڭ 27-كۈنى، خىزمەتچى خادىم ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى مىراس ساپال بۇيۇملار قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ساپال بۇيۇملارنى سىرلىماقتا.

6-ئاينىڭ 27-كۈنى، خىزمەتچى خادىم ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى مىراس ساپال بۇيۇملار قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا خام ساپال بۇيۇملارنى ياسىماقتا.

6-ئاينىڭ 27-كۈنى، خىزمەتچى خادىم ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى مىراس ساپال بۇيۇملار قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا تەشمە نەقىشلىك ساپال لوڭقىغا نەقىش سىزماقتا.

6-ئاينىڭ 27-كۈنى، خىزمەتچى خادىم ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى مىراس ساپال بۇيۇملار قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا تەشمە نەقىشلىك ساپال لوڭقىغا نەقىش سىزماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






