ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ لويۇەن) مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى قاراماي شەھەرلىك ئىلغار پەن-تېخنىكا بىرلەشمە تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۇلار ئىلتىماس قىلغان شىنجاڭ كاربون ئاساسىدىكى ئېنېرگىيە يېشىل تېخنىكىسى ئارىلىق سىناق سۇپىسى ئېلان قىلىنىشتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، تۇنجى تۈركۈمدىكى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈلىدىغان ئارىلىق سىناق سۇپىسى تىزىملىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللىنىپ، شىنجاڭدىن تاللانغان بىردىنبىر ئارىلىق سىناق سۇپىسى بولۇپ قالغان.

سۈرەتتە: شىنجاڭ كاربون ئاساسىدىكى ئېنېرگىيە يېشىل تېخنىكىسى ئارىلىق سىناق سۇپىسىنىڭ يەر شارى بويىچە تۇنجى يۈرۈش 1000 توننا دەرىجىلىك بوتقىغا ھىدروگېن قوشۇپ قۇرۇلمىنى تولۇق ئۆزگەرتىش بويىچە تاۋارلاشقان ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلمىسى. قاراماي شەھەرلىك ئىلغار پەن-تېخنىكا بىرلەشمە تەتقىقات ئورنى تەمىنلىگەن سۈرەت
شىنجاڭ كاربون ئاساسىدىكى ئېنېرگىيە يېشىل تېخنىكىسى ئارىلىق سىناق سۇپىسىنى قاراماي شەھەرلىك ئىلغار پەن-تېخنىكا بىرلەشمە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلامچىلىقىدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى داليەن خىمىيە-فىزىكا تەتقىقات ئورنى قاتارلىق كۆپلىگەن پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى بىرلىشىپ قۇرغان بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 70تىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنى ۋە كارخانا توپلانغان، بۇ سۇپا نۇرغۇن ئاكادېمىك يېتەكچىلىك قىلىدىغان، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئالىملار باشلامچى بولغان، كۆپ ساھەدىكى قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسلىرى گىرەلىشىپ يۇغۇرۇلغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تەشكىللىگەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى