تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭلىق ئىككى پوتبۇل ماھىرى U22 دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ 2025-يىللىق 3-قارارلىق يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىگە كىردى

   7-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى جۇڭگو U-22 دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ 2025-يىللىق 3-قارارلىق يىغىپ مەشقلەندۈرۈش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، جەمئىي 30 پۇتبول ماھىرى بۇ قارارلىق  U-22 دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشقلەندۈرۈش سېپىگە تاللاندى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭلىق ئىككى تەنھەرىكەتچى بار.

    بۇ قارارلىق U-22 دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش سېپىگە تاللانغان شىنجاڭلىق ئىككى ماھىر ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى بىلەن ئالدى ھۇجۇمچى بولۇپ، ئۇلار: چېڭدۇ رۇڭچېڭ پۇتبول كۇلۇبىدىكى مۇتەللىپ ئىمىنقارى، شاڭخەي خەيگاڭ پۇتبول كۇلۇبىدىكى ئەفىردىن ئەسقەر.

مۇتەللىپ ئىمىنقارى

    مۇتەللىپ ئىمىنقارى چېڭدۇ رۇڭچېڭ پۇتبول كۇلۇبىدا توپ تېپىدۇ، 2004-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ قەشقەردە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ پۇتبول ھاياتى چېڭدۇ رۇڭچېڭدا باشلانغان. 2022-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، ئۇ چېڭدۇ رۇڭچېڭغا ۋاكالىتەن 22 قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئۈچ توپ كىرگۈزگەن. 2023-يىلى، ئۇ ئوتتۇرا مەيداندىكى ئاساسلىق ماھىر بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، U20 دۆلەت ياشلار كوماندىسىنىڭ ئاسىيا ياشلار پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە سەككىز كۈچلۈك كوماندىغا كىرىشىگە كۈچ قوشقان، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە كورىيە بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ئايرىم-ئايرىم بىردىن توپ كىرگۈزگەن.

ئەفىردىن ئەسقەر

    ئەفىردىن ئەسقەر 2003-يىلى شىنجاڭ قەشقەردە تۇغۇلغان. 2015-يىلى، ئۇ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «كىم پۇتبول شاھى» ناملىق خەلق ئىچى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە قالتىس نەتىجە يارىتىپ، كوماندىنى يېتەكلەپ بالىلار گۇرۇپپىسى بويىچە مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ نام قازانغان. 2020-يىلى، ئەفىردىن گۇاڭجوۋ U19 كوماندىسىغا كىرگەن، 2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگو Α دەرىجىلىك پۇتبول كوماندىسى سۇجوۋ دۇڭۋۇ كوماندىسىغا ئىجارىگە بېرىلگەن، شۇ يىلى شەنشى كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى U18 گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ھەم شەرەپ بىلەن ئەڭ ياخشى توپ كىرگۈزگۈچى ۋە ياردەمچى ھۇجۇم شاھى شەرىپىگە ئېرىشكەن. 2022-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، ئەفىردىن گۇاڭجوۋ كوماندىسىغا قايتىپ كېلىپ، جەمئىي 25 قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقان، 2023-يىلى جۇڭگو ياشلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى سۈپىتىدە U20 ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە پۇتبول كوماندىسىنى يېتەكلەپ، سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن. ئەفىردىن قالتىس ماھارىتىگە تايىنىپ، شىۋېتسىيەنىڭ مىياربى پۇتبول كوماندىسىغا قوشۇلغان، گۇاڭجوۋ كوماندىسىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئەفىردىن كوماندىغا ۋاكالىتەن 10 قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئۈچ توپ كىرگۈزگەن. 2022-يىلى، ئۇ جۇڭگو پۇتبولچىلىقى بويىچە ئالتۇن بالا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2025-يىلى 1-ئايدا، ئەفىردىن گۇاڭجوۋ كوماندىسىدىن شاڭخەي خەيگاڭ كوماندىسىغا يۆتكەلگەن.

   ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو U-22 دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى 2025-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن شەھىرىگە بېرىپ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشنى قانات يايدۇرىدىكەن ھەم بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن. بۇ قېتىمقى يىغىپ مەشقلەندۈرۈش 2026-يىلىدىكى U-23 ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ۋە مىڭگۇۋۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەيارلىق قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.