يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش باشلاندى، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى توشۇش ئىقتىدارى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پائال تەڭشەپ، 7- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن باشلاپ تۇمشۇق - ئۈرۈمچى - گۇاڭجوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئېچىپ، تۇمشۇقنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان ھاۋا بوشلۇقى كارىدورى بەرپا قىلىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇشنى پىلانلىدى.
تۇمشۇق - ئۈرۈمچى - گۇاڭجوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە بوئىن 800 - 737 B تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، كۈندە بىر نۆۋەت ئۇچىدۇ. بارىدىغاندا UQ2587 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەتىگەن سائەت 07:25تە تۇمشۇق تاڭۋاڭچېڭ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، 08:55تە ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ؛ سائەت 10:10دا ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، 15:25تە گۇاڭجوۋ بەييۈن خەلقارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ. قايتىش سەپىرىدە UQ2588 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 16:40 ئۆتكەندە گۇاڭجوۋ بەييۈن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، 21:55تە ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقارا ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ؛ سائەت 23:00تە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، ئەتىسى سەھەر سائەت 00:50تە تۇمشۇق ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ.
تۇمشۇق تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بوستانلىققا جايلاشقان. بۇ يەردە تاڭۋاڭچېڭ خارابىسى قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت گۆھەرلىرى بولۇپلا قالماي، يۇڭئەن كۆلى ئېكولوگىيەلىك ساياھەت رايونىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىمۇ ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.
ئۈرۈمچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزىي شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، پەن-مائارىپ ۋە قاتناش تۈگۈنى، قىزغىنلىققا تولغان خەلقارا چوڭ بازار شىنجاڭ مەنزىرىسىنى ھېس قىلىدىغان ئەڭ ياخشى جاي، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئۆتەڭ. گۇاڭجوۋ جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى ئىقتىسادى كۈچلۈك شەھەر، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان، پەن - تېخنىكىسى ئىلغار بولۇپلا قالماي، چېنجياسى، شاميەن قاتارلىق لىڭنەن مەدەنىيەت تۈسىنى ئالغان مەنزىرە نۇقتىلىرى پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق.
تۇمشۇق ـ ئۈرۈمچى ـ گۇاڭجوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچ جاي ئارىسىدىكى ۋاقىت ـ بوشلۇق ئارىلىقىنى قىسقارتىپ، سودا ئالاقىسى، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى ۋە كەسىپلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىدۇ، ئىلگىرى تۇمشۇقتىن گۇاڭجوۋغا بېرىپ ـ كېلىشتە ئوتتۇرا بېكەتتە كۆپ قېتىم ئالمىشىپ، نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر تېز سۈرئەتتە بىۋاسىتە بارغىلى بولىدۇ. ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىمۇ ئۈچ جاينىڭ مول ساياھەت بايلىقىنى تۇتاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەر مەنبەسىنى ئۆزئارا يەتكۈزۈش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەت بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشتىن ئۈمىد بار.
ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلارنىڭ تۇمشۇق ـ ئۈرۈمچى ـ گۇاڭجوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە داكا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى. ئۈرۈمچىدىن تۇمشۇققا بېرىشنىڭ يەككە مۇساپە باھاسى 600 يۈەندىن باشلىنىدۇ (يۇقىرىقى باھا باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).