تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«ئوماق ئەرمەك» يولۇچى گاۋتيېغا ئولتۇردى

7-ئاينىڭ 1-كۈنى، بىر ئەرمەك مۈشۈك مەخسۇس ئەرمەك ھايۋانلارنى توشۇيدىغان ساندۇققا سېلىندى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋۇ جىزۈن فوتوسى

   شۇ كۈنى 2025-يىللىق مەملىكەت بويىچە تۆمۈريوللاردا يازلىق تەتىللىك توشۇش باشلانغانلىقىنىڭ تۇنجى كۈنى بولۇپ، ۋۇخەن ۋوگزالى ئالاھىدە «ئوماق ئەرمەك» يولۇچىلارنى كۈتۈۋالدى. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بۇ ئەرمەك ھايۋانلار ئىگىسى بىلەن ئوخشاش بىر قېتىملىق گاۋتيېغا ئولتۇرۇپ، كىشىلەر بىلەن بىر پويىزدا يولغا چىقىپ، بىرلا ۋاقىتتا يېتىپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. يولۇچىلار ئوخشاش بىر پويىزدا ئائىلىدە كۆندۈرۈلگەن ھەم سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى، بەدەن ئېغىرلىقى 15 كىلوگىرامدىن ئاشمايدىغان، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى 40 سانتىمېتىردىن ئاشمايدىغان مۈشۈك، ئىت تۈرىدىكى ئەرمەك ھايۋاننى توشۇشقا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، گاۋتيېدا ئەرمەك ھايۋانلارنى ھاۋالىلىك توشۇش مۇلازىمىتى سىناق نۇقتا دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، بېيجىڭ-شاڭخەي، بېيجىڭ-گۇاڭجوۋ، بېيجىڭ-خاربىن، شاڭخەي-كۈنمىڭ قاتارلىق سەككىز گاۋتيې لىنىيەسىدىكى بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالى، شاڭخەي خۇڭچياۋ ۋوگزالى، نەنجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالى، جېڭجوۋ شەرقىي ۋوگزالى، ۋۇخەن ۋوگزالى، چاڭشا جەنۇبىي ۋوگزالى قاتارلىق 25 ۋوگزال، 38 ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنى قاپلىغان.

7-ئاينىڭ 1-كۈنى، ۋۇخەن ۋوگزالىدىكى خىزمەتچى خادىملار مەخسۇس ئەرمەك ھايۋان توشۇش ساندۇقىنى پويىزغا يۆتكەپ چىقىپ، گاۋتيېنىڭ مۇستەقىل تېز توشۇش ئىشكابىغا سالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋۇ جىزۈن فوتوسى

7-ئاينىڭ 1-كۈنى، ۋۇخەن ۋوگزالىدىكى خىزمەتچى خادىم مەخسۇس ئەرمەك ھايۋانلارنى توشۇيدىغان ساندۇقنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋۇ جىزۈن فوتوسى

7-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋۇخەن ۋوگزالىدىكى خىزمەتچى خادىملار مەخسۇس ئەرمەك ھايۋانلارنى توشۇيدىغان ساندۇقنى ۋوگزال سۇپىسىغا توشۇماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋۇ جىزۈن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.