تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قوش يۆنىلىشتە قاتناش رەسمىي باشلاندى! 100 سېكۇنتتا ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولىنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىڭ

  6-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولىدا قوش يۆنىلىشتە قاتناش رەسمىي باشلاندى. ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى ئالتاي شەھىرىدىن باشلىنىپ، قاناس مەنزىرە رايونىدىكى قۇمقاناس كەنتىدە ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 209 كىلومېتىر، ئۇ ئالتاينى ساياھەت قىلىش چوڭ ئايلانما لىنىيەسىنى تۇتاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولى ئېگىز تاغ جىلغىسى، ئورمان-يايلاقلارنى ئايلىنىپ ماڭىدىغان مەنزىرە چوڭ يولىدۇر.

 ئالتاي تېغىدىكى قار سۇلىرىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن، بۇ يەرنىڭ سۇ مەنبەسى يېتەرلىك، دەريا-كۆللەر گىرەلىشىپ كەتكەن، ياز پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەن، ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولى بويىدىكى ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسۈپ، كالا-قويلار توپ-توپ يايلاپ يۈرىدۇ، قىران دەرياسى خۇددى كۈمۈش نۇر چېچىپ تۇرغان لېنتىغا ئوخشاش كۆزنى چاقنىتىپ كەڭ كەتكەن يايلاقتا توختاۋسىز ئېقىپ تۇرىدۇ. بۇلۇتلار ئاستىدىكى يايلاقتا ئىس-تۈتەكلەر توختىماي كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان، پادىچىلار پادا بېقىۋاتقان سۈرەتتەك گۈزەل يايلاق مەنزىرىسى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ، ئاپتوموبىل ئالدىغا قاراپ يۈرگەندە، دېرىزە سىرتىدىكى تۇتاش كەتكەن يايلاقلار، گىرەلىشىپ كەتكەن تاغ-دالىلار، ياپيېشىل شەمشاد ۋە قارىغايلار ئارىسىدا تىنچ ئېقىۋاتقان دەريا-ئېقىنلار قوشۇلۇپ، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل دەقىقىلەرنى نامايان قىلىدۇ، ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولى ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرى داكا قىلىدىغان ئېسىل مەنزىلگاھقا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە كۆپچىلىك تەرىپىدىن «شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىدىغان ئەڭ گۈزەل تاشيول» دەپ ئاتالدى.

مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.