ئۈرۈمچىگە نۇرغۇن ئېسىل داكا قىلىدىغان جايلار يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇلاردا مودا ئېقىم بىلەن ئىجادىيەت مۇكەممەل يۇغۇرۇلغان! خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى جەزمەن ساياھەت قىلىدىغان يەر بەلگىسى بولۇپ، خاس مەدەنىيەت-ئىجادىيەت بىلەن مەززىلىك تائاملار مۇجەسسەملەنگەن؛ چوۋما 1-نومۇر مەدەنىيەت-ئىجادىيەت باغچىسى ئايروپىلان ئاشخانىسى، ۋاڭخۇڭ تام قاتارلىق ئىجادىيەت ئامىللىرى بىلەن ياشلارنى جەلپ قىلدى؛ MOJIE969 مەدەنىيەت-ساياھەت باغچىسى قويۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە بولۇپ، مۇنداقلا سۈرەتكە تارتسىمۇ ئىنتايىن گۈزەل سۈرەتلەرنى تارتىپ چىقالايسىز؛ تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدىكى شىليۇ مەيدانىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى رومانتىكىلىققا تولغان بولۇپ، سەيلە قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈشكە ماس كېلىدۇ. بۇ جاي قويۇق بولغان مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ھەم زامانىۋى مودا تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر بەس-بەستە داكا قىلىدىغان ئاۋات مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىرلىكتە ياخشى يەپ، ياخشى ئايلىنىپ، ياخشى سۈرەتكە چۈشۈپ، كۆپ خىللىققا ئىگە تەسىراتقا ئېرىشىڭ!

چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىغا جايلاشقان «بۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ كۆڭۈل سوۋغىسى» مەدەنىيەت-ئىجادىيەت دۇكىنىنىڭ تېمىغا ئېسىلغان شىنجاڭ ئامىلى بىلەن مودا ئامىل يۇغۇرۇلغان ھەرخىل مەدەنىيەت-ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى.

ساياھەتچى چوۋما 1-نومۇر مەدەنىيەت-ئىجادىيەت باغچىسىدىكى ۋاڭخۇڭ تام ئالدىدا داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

MOJIE969 مەدەنىيەت-ساياھەت باغچىسىنىڭ مودا تۈسكە ئىگە سەنئەت كەيپىياتى بۇ يەرنى ياشلار ئارام ئېلىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان، داكا قىلىدىغان ۋاڭخۇڭ جايغا ئايلاندۇردى.

چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىغا جايلاشقان «بۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ كۆڭۈل سوۋغىسى» مەدەنىيەت-ئىجادىيەت دۇكىنىغا، شىنجاڭ ئامىلى بىلەن مودا ئامىل يۇغۇرۇلغان ھەر خىل مەدەنىيەت-ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى تىزىلغان بولۇپ، كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ياش ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى، سودا، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك-ئىچمەك بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا كەلگەندە جەزمەن ساياھەت قىلىدىغان مەنزىرە نۇقتىسى بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىدىغان، نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ.

چوۋما 1-نومۇر مەدەنىيەت-ئىجادىيەت باغچىسىدا ئايروپىلان ئاشخانىسى، يۈك ساندۇقى مال سېتىش بازىرى قاتارلىق ئىجادىيەت ئامىللىرى بار بولۇپ، كۆپلىگەن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەر جەزمەن كېلىپ داكا قىلىدىغان ۋاڭخۇڭ مەززىلىك تائاملار كوچىسىغا ئايلاندى.

چوۋما 1-نومۇر مەدەنىيەت-ئىجادىيەت باغچىسىدىكى ھەرخىل ئىجادىي سودا بوشلۇقى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى كېلىپ داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

5-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلماقتا.

تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدىكى شىليۇ مەيدانى نۇرغۇن ساياھەتچىنى تاماشا قىلىشقا، سەيلە-ساياھەت قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈشكە جەلپ قىلدى.

ساياھەتچىلەر تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى شىليۇ مەيدانىدا مەنزىرە تاماشا قىلغاچ سەيلە قىلماقتا.