تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

كىچىك لەيلىمە بەلگىدىن چوڭ كەسىپ «قاماققا ئېلىندى»


بۇ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى خۇنەن ئۆلكىسى يۆياڭ شەھىرى لىنشياڭ شەھىرىدىكى لەيلىمە بەلگە بازىرىدا سۈرەتكە تارتىلغان لەيلىمە بەلگە مەھسۇلاتلىرى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن سىخەن فوتوسى

   خۇنەن ئۆلكىسى يۆياڭ شەھىرى لىنشياڭ شەھىرى خۇنەن-خۇبېي چېگراسىغا، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا، دۇڭتىڭخۇ كۆلىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، دەريا-كۆل سۇ سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان، بېلىق تۇتۇش مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. شۇ جاي ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا تايىنىپ، بېلىق تۇتۇش سايمانلىرى لەيلىمە بەلگە كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، ماشىنىسازلىق، لەيلىمە بەلگە ئىشلەپچىقىرىش، بېسىش، ئوراش-قاچىلاش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى، ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتى بىر گەۋدىلەشكەن مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى. ھازىر، لىنشياڭ شەھىرىدە بېلىق تۇتۇش سايمانلىرى لەيلىمە بەلگە بازىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى 3130دىن ئاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانا 74كە، كەسىپكارلار 60 مىڭغا يەتتى. 2024-يىلى لىنشياڭ بېلىق تۇتۇش سايمانلىرى لەيلىمە بەلگە كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 8 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، مەھسۇلاتلىرى 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلدى.

بۇ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى خۇنەن ئۆلكىسى يۆياڭ شەھىرى لىنشياڭ شەھىرىدىكى لەيلىمە بەلگە بازىرىدا سۈرەتكە تارتىلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروت باغچىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن سىخەن فوتوسى

7-ئاينىڭ 1-كۈنى، لىنشياڭ شەھىرىدىكى لەيلىمە بەلگە بازىرىغا جايلاشقان خۇنەن تيەنيې بېلىق تۇتۇش سايمانلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا بىر ئىشچى لەيلىمە بەلگە ئىشلەپچىقارماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن سىخەن فوتوسى

7-ئاينىڭ 1-كۈنى، لىنشياڭ شەھىرىدىكى لەيلىمە بەلگە بازىرىغا جايلاشقان خۇنەن تيەنيې بېلىق تۇتۇش سايمانلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشچى لەيلىمە بەلگە ئىشلەپچىقارماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن سىخەن فوتوسى

7-ئاينىڭ 1-كۈنى، لىنشياڭ شەھىرىدىكى لەيلىمە بەلگە بازىرىغا جايلاشقان لىنشياڭ خەلق ئىچى سەنئەتكارى بېلىق تۇتۇش سايمانلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشچى لەيلىمە بەلگە ئىشلەپچىقارماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۈ چۇنشېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.