6-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە
2-نۆۋەتلىك «قەشقەر لوڭقىسى» خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى
يوپۇغا ناھىيەلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئاخىرلاشتى
جۇڭگو گۇاڭدۇڭ مېيجوۋ كېجيا پۇتبول كۇلۇبى كوماندىسى
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە
تاجىكىستان پۇتبول شۆيۈەنى كوماندىسىنى يېڭىپ
چېمپىيون بولدى

6-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگو گۇاڭدۇڭ مېيجوۋ كېجيا پۇتبول كۇلۇبى كوماندىسى چېمپىيون بولغىنىنى تەبرىكلىمەكتە. ليۇ ۋېنمىن فوتوسى
جۇڭگونىڭ يەنە بىر كوماندىسى
شەندۇڭ تەيشەن پۇتبول كۇلۇبى كوماندىسى
ئۈچىنچى بولدى
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، گۇاڭدۇڭ مېيجوۋ كېجيا پۇتبول كۇلۇبى كوماندىسى مۇسابىقە ھالىتىگە سەل كېچىكىپ كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن كوماندا ئەزالىرى قەيسىرانە كۈرەش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. ئۇلار ئىككى قېتىم رىقابەتچىلىرىنىڭ ئارقىسىدا قالدى، لېكىن يەنە ئىككى قېتىم قەيسەرلىك بىلەن نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ۋاقتى ئىچىدە، ئىككى تەرەپ 2:2 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى. ئەڭ ئاخىرىدا گۇاڭدۇڭ مېيجوۋ كېجيا پۇتبول كۇلۇبى كوماندىسى نۇقتىدا تۇرۇپ توپ تېپىشتا 6:5 نەتىجە بىلەن رىقابەتچىسىنى يەڭدى.
6-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە، جۇڭگو گۇاڭدۇڭ مېيجوۋ كېجيا پۇتبول كۇلۇبى كوماندىسى (قىزىل كىيىم) بىلەن تاجىكىستان پۇتبول شۆيۈەنى كوماندىسى (ئاق كىيىم) ئەزالىرى مۇسابىقىدە توپ تالاشماقتا. ئارزۇگۈل ھەيدەر فوتوسى
ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقە بىلەن سېلىشتۇرغاندا
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە مۇسابىقىگە قاتناشقان پۇتبول كوماندىسى 12گە كۆپەيتىلگەن
مۇسابىقىگە قاتناشقان دۆلەتلەر قاتارىغا رۇسىيە يېڭىدىن قوشۇلغان
دۆلەت ئىچىدىكى ئالتە پۇتبول كوماندىسى ئىچىدە
تۆت كوماندا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى پۇتبول كوماندىسىنىڭ U16 كوماندىسىدۇر

6-ئاينىڭ 24-كۈنى، تاجىكىستان پۇتبول شۆيۈەنى كوماندىسىنىڭ ماھىرى ھېكماتۇلو (ئوڭدا) بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ يوپۇغا ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئابدۇشۈكۈر ئەيسا مۇسابىقىدە توپ تالاشماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شىن يۆۋېي فوتوسى
يەتتە كۈندە ئالتە مەيدان كەسكىن ئېلىشىش نەتىجىسىدە، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغان ئۆزبېكىستان تاشكەنت پۇتبول كوماندىسى بۇ يىل تۆتىنچى بولدى. بۇ كوماندىنىڭ باش تىرېنېرى ئەزىمەت ئابدۇلايىموف مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ يىل خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەرقايسى كوماندىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن باشلاپلا، بىز كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدۇق».
رۇسىيە سىبىرىيە پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ئالدى ھۇجۇمچىسى ياسېن ۋېلادىسلايىۋ ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ليۇ ۋېنمىن فوتوسى
چېمپىيون بولىدۇ دەپ پەرەز قىلىنىپ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان
رۇسىيە سىبىرىيە پۇتبول كۇلۇبى كوماندىسى
گەرچە تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرەلمىگەن بولسىمۇ
لېكىن ئۇنىڭ ئالدى ھۇجۇمچىسى ياسېن ۋېلادىسلايىۋ
ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
گۇاڭدۇڭ مېيجوۋ كېجيا پۇتبول كۇلۇبىنىڭ باش تېرىنېرى
گو زىچاۋ ئەڭ ياخشى تېرىنېر بولۇپ باھالاندى
ۋاراتا ۋۇ خاۋپىڭ ئالتۇن پەلەي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى