دۆلەت كىنو ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كىنو بېلەت كىرىمى 29 مىليارد 231 مىليون يۈەنگە، كىنو كۆرگۈچىلەرنىڭ سانى 641 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %22.91 ۋە %16.89 ئاشقان، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن فىلىملەرنىڭ بېلەت كىرىمى %91.2نى ئىگىلىگەن. دۆلەت ئىچىدىكى بېلەت كىرىمى ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرىدىغان فىلىم تۆۋەندىكىچە:
«نېجا − ئالۋاستى بالىنىڭ دېڭىزنى مالىمان قىلىشى(哪吒之魔童闹海)» 15 مىليارد 446 مىليون يۈەن؛
«جۇڭگولۇقلار كوچىسىدا دېلو رازۋېدكا قىلىش 1900(唐探1900)» 3 مىليارد 612 مىليون يۈەن؛
«فېڭشېن 2-بۆلۈمى: شىچىدىكى ئۇرۇش ئوتى(封神第二部:战火西岐)» 1 مىليارد 239 مىليون يۈەن؛
«ئېيىق كەلدى . كەلگۈسىنى قايتا باشلاش(熊出没·重启未来)» ناملىق فىلىم 822 مىليون يۈەن؛
«بۈركۈت ئاتقۇچى قەھرىمانلار قىسسىسى: پالۋانلارنىڭ پالۋىنى(射雕英雄传:侠之大者)» 690 مىليون يۈەن.
بېلەت كىرىمى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان فىلىم 25 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن فىلىم 16، چەت ئەل فىلىمى 9.
«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى