تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئومۇمىي سېلىنما 40 مىليارد 111 مىليون يۈەن بولدى تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە، بايىنغولىن ئوبلاستى 22 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى

    6-ئاينىڭ 26-كۈنى، 2025-يىللىق(جۇڭگو) ئاسىيا-ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلاندى، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى(قىسقارتىلىپ «بايىغۇلىن ئوبلاستى»دېيىلىدۇ) نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، يېشىل كانچىلىق ۋە يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت بەش چوڭ ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى نامايان قىلىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇردى.

بايىنغولىن ئوبلاستى كۆرگەزمە زالى.

     بايىنغولىن ئوبلاستى كۆرگەزمە زالى «يىپەك يولىدىكى تاغ-دەريالار · گۈزەل بايىنغۇلىن ئوبلاستى»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، ئۆزگىچە لايىھە ۋە مول كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئارقىلىق نۇرغۇن ئېكىسكۇرسىيەچىنى كېلىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى، زال ئىچى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. كۆرگەزمە مەزگىلىدە بايىنغۇلىن ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى تېخىمۇ قالتىس بولدى. 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، ھەر كۈنى تۆت ناھىيە، شەھەر، ئورۇن بايىنغولىن ئوبلاستى كۆرگەزمە رايونىدا ئۆز جايىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، داڭلىق، ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، كەسىپ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە تونۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تۈركۈم بويىچە قانات يايدۇردى.

كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىچى خېرىدارلارغا مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇرماقتا.

    بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە، بايىنغۇلىن ئوبلاستى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرىدىن 22دە كېلىشىم ئىمزالىدى، ئومۇمىي سېلىنما 40 مىليارد 111 مىليون يۈەن بولدى. تۈرگە مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشىنىڭ دائىرىسى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، يېشىل كانچىلىق، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، مەدەنىيەت-ساياھەت قاتارلىق كەسىپ ساھەلىرىگە چېتىلدى.

   بۇ قېتىم بايىنغۇلىن ئوبلاستى تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە ئۆزىنىڭ قالتىس قىياپىتىنى كۆرسىتىپ، ئۆزىدىكى كەسىپ تەرەققىياتى نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيانى ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلدى. كەلگۈسىدە، بايىنغولىن ئوبلاستى داۋاملىق ئۆز ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.